كورلىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىكتىن سۇ ئوغرىلاش قىلمىشى كۆپەيمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.12.17
Uyghur-doppa-tal-barang-su-turuba-jumek-1024 ھىمىت ھەسەن ھويلىسىدىكى سۇ تۇرۇبىسىنى ئېچىپ قولىنى يۇيۇۋاتىدۇ. 2020-يىلى 16-ئىيۇل، قەشقەر
Xinhua

سۇ تالىشىش - ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى(بىڭتۈەن) بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىختىلاپ ۋە ماجىرا بولۇپ، بۇ ماجىرادا خىتاي تەرەپ ھاكىمىيەتتىكى كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ مۇھىم سۇ ئۆتكەللىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش بىلەن ئۇتۇپ ۋە مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بازارنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بىڭتۈەن ئاھالىلىرى 2010 ‏-يىللىرىدىن باشلاپ كېۋەز ۋە كۆكتات تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەن. بۇ تەبىئىي ھالدا سۇغا بولغان ئېھتىياجنى پەۋقۇلئاددە كۈچەيتكەن. بۇ نۆۋەت بىڭتۈەن تەرەپ بۇ خىلدىكى سۇ ئېھتىياجىنى ئىلگىرىكىدەك غەۋغا ياكى شىكايەت يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئوغرىلىقچە قۇدۇق قېزىش يولى بىلەن ھەل قىلغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېقىندا كورلىدىكى يەرلىك ئالاقىدار كەسپىي ئورگانلار يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، كورلىنىڭ جاڭگال ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدە رۇخسەتسىز ئېچىلغان كۆپ ساندىكى قۇدۇقلارنى بايقىغان. نەتىجىدە بۇ ئەھۋالغا ج خ تارماقلىرى قول تىققان ۋە كۆپ ساندا قانۇنسىز سۇ ئوغرىلاش دېلوسىنى پاش قىلغان. ئەمما، سۇ ئوغرىلىغانلار بىڭتۈەن ئاھالىلىرى بولغاچقا «مۇقىملىق» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ دېلولار جەمئىيەتتىن سىر تۇتۇلغان. نۆۋەتتە دېلو سادىر قىلغۇچىلارنى تەكشۈرۈش بارا-بارا ئاستىلاشقا ئۆتكەن، گۇماندارلار بولسا قىسقا بىر سوراقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بەزى ئالاقىدار خادىملار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كورلىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سۇ ئوغرىلاش دېلولىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. بىز ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرىغا ئاساسەن، مەزكۇر دېلونى ئەڭ دەسلەپتە تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بىر ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كورلىدا سۇ ئوغرىلاش دېلوسىدىن يېقىندا 46 سى پاش بولغان. دېيىلىشىچە، سۇ ئوغرىلىرى كېچىلىرى ھەرىكەت قىلىدىكەن؛ نۆۋەتتىكى ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ 12 سائەت ئىچىدە 200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر قاتلىمىدىن سۇ تارتالايدىكەن. مەزكۇر خادىممۇ يوشۇرۇن قۇدۇق قېزىپ سۇ ئوغرىلاشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا بازار تاپقان 2012 ‏-يىلى باشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر خادىم دەسلەپتە سۇ ئوغرىلىرى ئارىسىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزدىن كېيىن، ئۇ دېلو سادىر قىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى، جۈملىدىن بىڭتۈەن ئاھالىلىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوغرىلىقچە قۇدۇق قېزىشنىڭ خىراجىتى 150 مىڭ سوم (تەخمىنەن 21 مىڭ دوللار) ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنداق بىر قىلمىشقا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىمۇ يار بەرمەيدىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئارىسىدىكى مەسىلە ۋە ماجىرالار ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم بايقالغان. ئەمما مەسئۇلىيەتنىڭ بىڭتۈەندە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندا، «مۇقىملىق» ۋە «ئىتتىپاقلىق» باھانىلىرى بىلەن دېلو باسۇرۇۋېتىلگەن.

ئىنكاسچى بۇ 46 دېلونىڭمۇ ئوخشاش ھالدا باسۇرۇۋېتىلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بايىنغولىن ئوبلاستلىق ساقچى باشقارمىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم مەزكۇر دېلولارغا كورلىدىكى 2 ‏-دىۋىزىيە 29 ‏-پولك ئاھالىلىرىنىڭ، شۇنداقلا كورلا شەھەر ياقىسىغا جايلاشقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ چېتىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ خادىممۇ دېلونىڭ ئاخىرى چىقىش-چىقماسلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.