تۇرپاندا سۇدىن جەسىتى سۈزۈۋېلىنغان 3 ياشلىق بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.09.06
lager-yighin-meydani.jpg تەربىيەلەش لاگېرىدىكىلەرگە تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا ئوخشاش كىيىم كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، يىغىن ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈش.
Social Media

ئون كۈننىڭ ئالدىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جەسىتى سۇدىن سۈزۈۋېلىنغان بىر نارەسىدە بالىنىڭ سىن ئۇچۇرى تارقالغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ سىن ئۇچۇرىدىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، بۇ بالىنىڭ تۇرپاننىڭ قاراغوجا يېزا ئاستانە كەنتىدىن ئىكەنلىكى؛ ئىسمىنىڭ پەرھات ياكى پەرۇخ ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى ۋە ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن بۇ بالىنىڭ ئانىسى ئاتىكەم ۋە دادىسى تۇردىگايىتنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ نۆۋەتتە لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تارقالغان ۋىدىيولۇق ئۇچۇردا دېيىلىشى ۋە كۆرسىتىلىشىچە، يېشى 3-4 ياش ئەتراپىدىكى بىر نارەسىدە بالا قىرىقمو نامىدىكى بىر كەنت ياكى مەھەللىدىن ئۆستەڭ ياكى ئېرىقتا ئېقىپ كەلگەن. بىز ۋىدىيودا گەپ قىلغان ئايالنىڭ شېۋىسىگە ئاساسەن، ۋەقەنىڭ تۇرپاندا يۈز بەرگەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلدۇق. تېلېفونىمىز قوبۇل قىلغانلاردىن تۇرپان شەھەر قارىغۇجا يېزىلىق ساقچى خادىمى سۇدىن جەسىتى سۈزۈۋېلىنغان بالىنىڭ ئاستانە كەنتىدىن ئىكەنلىكى ۋە ئىسمىنىڭ پەرھات ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۇ، بۇ بالىنىڭ يېشى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئاستانە كەنتىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي كۆچمەنلىرىدىن بىرى، ئۆزىنىڭ 10 يىل ئاۋۋال خېنەندىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مەھەللىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، بۇ كەنتتە سۇدىن جەسىتى سۈزۈۋېلىنغان بالىنىڭ ئىسمىنىڭ پەرۇخ ئىكەنلىكى ۋە 3 ياشلاردا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بەك ئارىلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۇ يەنە بۇ مەھەللىدە يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما، شۇ يۈز نەچچە كىشى ئىچىدە سۇدىن سۈزۈۋېلىنغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بار يوقلۇقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. بىز، بۇ ئاھالە تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن، ئالاقىدار بىر ئامانلىق خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق. بۇ خادىم؛ جەسىتى سۇدىن سۈزۈۋېلىنغان بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاتىكەم، دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ بولسا تۇردىگايىت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاتىكەم 3 يىلدىن بۇيان، تۇردىگايىت بولسا بىر يىلدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. تۇردىگايىت ۋە ئاتىكەمنىڭ ئېنىق قايسى لاگېردا ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان بۇ خادىم، ئۇلار لاگېردىكى مەزگىلىدە 3 ياشلىق پەرھات ياكى پەرۇخقا كىمنىڭ قاراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇردىگايىت ۋە ئاتىكەم بالىسى سۇغا چۈشۈپ قازا قىلغاندىن كېيىن، لاگېردىن بىر قېتىم چىقىش ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئېنىقلاشلىرىمىزدىن تۇردىگايىتنىڭ ئىلگىرىكى مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنلىرىدا ئاتالمىش خاتالىقىنى ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئاتىكەمنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بايىقى خىتاي ئاھالىنىڭ بايانلىرىدىن مەزكۇر ئائىلىنىڭ 3 پەرزەنتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما قالغان ئىككى پەرزەنتىنىڭ نەدىلىكى مەلۇم ئەمەس. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن يىلدىن بۇيانقى ئىجتىمائىي ئاخباراتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، خوتەن ۋە قەشقەردە رەخمۇتۇللا شىرباقى ۋە ئەسما ئەخمەت قاتارلىق 4 نەپەر نارەسىدە بالىنىڭ جەسىتى سۇدىن سۈزۈۋېلىنغان ۋە ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈۋېلىپ ئۆلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.