كەنت سېكرېتارى: سۈيدۈڭدە 40-50 چە تەربىيەلەش مەكتىپى بار ئىدى، ھازىر ئاران ئىككىسى بار

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.01.12
غۇلجا دۆڭمازاردا 40 يىللىق پارتىيە ئەزاسى، 30 يىللىق ئاياللار مۇدىرى، 73 ياشلىق رۇقىيە ئوسمان 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارنىڭ يەنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نىڭ تاقىلىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغىنى 5 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئوخشاش نامدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھېلىھەم بارلىقى ئىزچىل ئاشكارىلىنىپ تۇرۇۋاتقان يىپ ئۇچى ۋە پاكىتلاردىن مەلۇم بولماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ بىر يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېنىقلاشلىرىدا، ئىلى ئوبلاستنىڭ قورغاس ناھىيەسىدىكى سۈيدۈڭ بازىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىلگىرى 40-50 چە لاگېر بارلىقى، نۆۋەتتە بۇلاردىن ئاز دېگەندە ئىككىسىنىڭ داۋاملىق ھالدا ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

 خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى 2018 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تۈرمىگە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تۇتقانىدى. مانا مۇشۇ قوغدىنىش مېتودى بويىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، رايوندىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نىڭ تاقالغانلىقى ۋە ئۇ يەردىكى «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى بېيجىڭدىكى مەخسۇس بىر ئاخبارات يىغىنىدا ئېلان قىلغانىدى. يېقىندا «تىك-توك» قا چىققان بىر ئېلاندا، سېتىلىدىغان بىر ئۆينىڭ ئورنى تەسۋىرلىنىپ، ئۇ ئۆينىڭ ئەتراپىدا بىر تەربىيەلەش مەكتىپى بارلىقى مۇنداق تىلغا ئېلىنغان: «مانا بۇ سۈيدۈڭ روشەنباغدىكى ئۆي، ماي ئىسكىلات تەرەپتە، يېنىدا تەربىيەلەش مەكتىپى بار…»

 بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن سۈيدۈڭنىڭ روشەنباغ كەنتىدىكى بىر كەنت سېكرېتارىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۆزىنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالغان بۇ سېكرېتار، سۈيدۈڭدە ئىلگىرى 40-50 چە ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇلاردىن ھازىر ئاز دېگەندە ئىككىسىنىڭ داۋاملىق ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككىسىدىن بىرى ئىلى-ئۈرۈمچى يولى ياقىسىدىكى قورغاس سۈيدۈڭ بازىرىغا تۇنجى كىرىش ئېغىزى بولغان، يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ماي ئىسكىلاتى دەپ ئاتىلىدىغان جايدا ئىكەن. مەزكۇر لاگېر كانادالىق لاگېر تەتقىقاتچىسى شاۋن جاڭ تەرىپىدىن سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپ بايقالغان لاگېرلاردىن ۋە قورغاستا ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان لاگېر ئىدى.

دېيىلىشىچە، يەنە بىر لاگېر سۈيدۈڭنىڭ يېڭىئاۋات مەھەللىسىگە جايلاشقان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ مەھەللىمۇ ئىلى-ئۈرۈمچى يولىنىڭ ياقىسىدىكى سۈيدۈڭگە ئىككىنچى كىرىش ئېغىزىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئاشلىق ساڭ قاتارلىق يەرلىك ئاھالىلەرگە تونۇش قۇرۇلۇشلار بار ئىكەن. بۇ لاگېر شۇ جايدىكى بىر مال بازىرىنىڭ ئورنىغا سېلىنغانىكەن.

مەزكۇر سېكرېتار يەنە بۇ ئىككى لاگېردا نۆۋەتتە، ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىلىك ئاھالىلەردىن، كېرىم ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم «تەربىيە» لىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۆتكەن يىلنىڭ باش ۋە ئوتتۇرىلىرىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا كورلانىڭ كونا بازار، مارالبېشىنىڭ بازار ئىچىدە لاگېرلارنىڭ يەنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقى يەرلىك ۋەزىپىدارلار تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ لاگېرلارنى تۈرمىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق قانۇنسىز تۇتقۇننى كۆرۈنۈشتە قانۇنلۇق تۇتقۇنغا ئايلاندۇرغانلىقى ۋە مۇشۇ يول بىلەن خەلقئارا ئورگانلارنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەنقىد ۋە تەكشۈرۈش تەلەپلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا، بىر قىسىم نامەلۇم قۇلايلىقلار سەۋەبىدىن ئاز ساندىكى لاگېرلارنى يەنە ئەسلىدىكى نامى بويىچە ماڭدۇرۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشىدۇ.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.