ما شىڭرۇي: «ئامېرىكانىڭ شىنجاڭغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى 144 دىن ئارتۇق كارخانىغا تەسىر قىلدى»
2025.03.12

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى رايوندىكى 144 دىن ئارتۇق كارخانىغا تەسىر قىلغانلىقىنى ۋە بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىدىكى «ئەڭ چوڭ توسالغۇ» غا ئايلانغانلىقىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئوچۇق ئاشكارا تىلغا ئالغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە قارىتىلغان جازانىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئامېرىكانىڭ جازانى پۈتۈن خىتايغا كېڭەيتىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«خىتاي گېزىتى» نىڭ 7-مارتتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» گۇرۇپپا مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، غەربنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى رايوندىكى 144 دىن ئارتۇق كارخانىغا تەسىر قىلغان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ‹توقۇلما ئىسپاتلار› غا تايىنىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەپ جازا يۈرگۈزدى. بۇ 144 دىن ئارتۇق كارخانىغا تەسىر قىلدى. بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كارخانىلارنى نىشان قىلغان ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› قاتارلىق ئاساسسىز ئەيىبلەشنى ئاساس قىلىپ يۈرگۈزگەن جازاسى بۇ رايون تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنىڭ بىرىگە ئايلاندى».
ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاز مائاش ياكى ھېچ مائاش بەرمەي ئىشلەشكە مەجبۇرلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە لاگېر-تۈرمىلەرگە سولاش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى 9-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 نەپەر ئەمەلدارىنى «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىغانىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خو ليۇجۈن قاتارلىق 4 نەپەر ئەمەلدارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئەركىن تۇنيازمۇ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.
ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە 2021-يىلى 3-ئايدا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇشى بىڭتۈەنى» بىلەن 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئېمبارگو قويغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەنىدى.
ئامېرىكىدىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) ما شىڭرۇينىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«خىتايغا قويغان جازانىڭ ئېنىق تەسىرى بار. ئېنىقكى بۇ شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىشنى يوشۇرىدۇ. ئەمما ئامېرىكا بۇ شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزمەكتە. مەنچە بۇ جازا ئۇلارنىڭ ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارىنى چەكلەۋاتىدۇ. بۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق خەلق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئەپەندىنىڭ سۆزى ئامېرىكانىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇ نەرسىلەر ياخشى ئىسپاتلاندى. ئۇ يەردە خىتايلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ۋە بەك قورقۇنچلۇق. شۇڭلاشقا، توقۇلما ئەيىبلەش، توقۇلما ئۇچۇر دېگىنى ماھىيەتتە يالغان».
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 14-يانۋار كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يەنە 37 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. شۇنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنىڭ ئومۇمى سانى 144 كە يەتكەن. بۇ قېتىم قارا تىزىملىككە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم كان بايلىقلىرىنى ئاچىدىغان ھەم پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان داڭلىق شىركەتلەر، «شىنجاڭ پاختىسى» بىلەن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئېكسپورت قىلىدىغان شىركەتلەر ۋە كۈنتاختىلارغا ئىشلىتىلىدىغان كىرىستاللىق كىرىمنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر قوشۇلغانىدى. بۇلار، خۇافۇ كىيىم-كېچەك شىركىتى، دۇڭخەي كۈنتاختا تېخنىكا شىركىتى، خۇڭيۈەن يېشىل ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قاتارلىق دۇنياغا تونۇلغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) ردىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ شىڭرۇينىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە قارىتىلغان جازانىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ، مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتىلغان جازانىڭ ھېچ بولمىغاندا مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەپسۇس، ئۇلار بەك كەسكىن بولمىغان قورال. يەنى ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلەتكەن كارخانىلاردىن باشقا ناھايىتى كۆپ كارخانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ يەردە ھېچقانداق ئامال يوق. چۈنكى بېيجىڭ مۇپەتتىشلەرنىڭ رايونغا كېرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويمىغاچقا، جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىدىغان زاۋۇتلارنىڭ ئەڭ سەزگۈر جايلىرىنى كۆرگىلى ۋە تەكشۈرگىلى بولمايدۇ».
ما شىڭرۇي يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار (غەرب دۆلەتلىرى) شىنجاڭنىڭ قايتا نامراتلىققا چۈشىشىنى، يەنى نامراتلىققا قايتىپ كېلىشىنى خالايدۇ. شۇڭا ئۇلار خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا دەخلى قىلىش ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ».
دوكتور ئاندېرس كور ما شىڭرۇينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ توغرا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە جازانىڭ مەقسىتى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان نارازىلىقىنى كۆرسىتىش، ھەمدە بۇ دەپسەندىچىلىك ۋە خورلاشقا قاتناشماسلىق. شىنجاڭدا قۇل ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئەرزان باھالىق تاۋارلارنى سېتىۋېلىش قۇل ئەمگىكىنى قوللاشقا يوشۇرۇن قاتنىشىشىدۇر. شۇڭا بۇ ئەخلاقسىزلىقتۇر. جازانىڭ پەقەت 144 كارخانىغا تەسىرى قىلىشى ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ جازا باشقا نۇرغۇن كارخانىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۆتكىگەنلىكى بىلىنمەكتە. بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا جازانى پۈتۈن دۆلەتكە كېڭەيتىشى كېرەك».
بۇ، ما شىڭرۇينىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى يۈرگۈزگەن جازاسىنىڭ رايوندىكى 144 دىن ئارتۇق كارخانىغا تەسىر قىلغان قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ رايوننىڭ تەرەققىياتىدىكى «ئەڭ چوڭ توسالغۇ» غا ئايلانغانلىقىنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا ئوچۇق ئاشكارا تىلغا ئېلىشىدۇر. ما شىڭرۇي بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى سودىسى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ، مەبلەغ ۋە ساياھەتچىلىك گۈللىنىۋاتقانلىقى، ئىقتىسادنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى قاتتىق داۋراڭ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنداقتا ما شىڭرۇي نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى سودىسى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ، مەبلەغ ۋە ساياھەتچىلىك گۈللىنىۋاتقانلىقى، ئىقتىسادنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى قاتتىق داۋراڭ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟
دوكتور رايموند كو سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بەلكىم ئاساسسىز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ مېنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. بۇ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان دىققىتىنى تېخىمۇ تارتىدۇ. بۇ يەنە مىللەتچىلىكنىڭ تۈرتكىسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشىغا ئامېرىكا سەۋەب بولدى دەپ ئامېرىكانى ئەيىبلەپ، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خاتالىقى ئەمەس دەۋاتىدۇ. ئاندىن، پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە توغرا ئەمەس. بۇ يەردە مەسىلىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسى بىلەن سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئىچكى زىددىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارمىدى، مەسىلىنى تاشقى كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى دېمەكچى».