ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى: خىتاينىڭ تارىم نېفىتلىكىدە 10 مىڭ 910 مېتىرلىق قۇدۇق كولىشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىشتۇر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2025.02.26
nefit-quduqi-tarim-teklimakan-munar تەكلىماكان قۇملۇقنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇلغان 1-نومۇرلۇق قۇدۇق. 2024-يىلى 4-مارت، تەكلىماكان.
Xinhua/Li Xiang

20-فېۋرال كۈنى، خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى (PetroChina) نىڭ تارىم نېفىتلىكى تارىم ئويمانلىقىدا چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ 910 مېتىرغا يېتىدىغان قۇدۇق كولاشنى تاماملاپ، ھازىرغىچە يەر شارىدىكى نېفىتلىكلەر ئىچىدە ئاسىيادىكى تۇنجى ۋە دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق كولاش رېكورتىنى ياراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

 «شىنخۇا خەۋەرلەر» تورىنىڭ 20-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلىدىن تارتىپ پىلانلانغان بۇ نېفىت بۇرغىلاش تۈرى 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىي باشلانغان. بۇ جەرياندا قۇدۇقنى يەر يۈزىدىن 5500 مېتىرغىچە قېزىشقا 50 نەچچە كۈن، 5500 مېتىردىن 10 مىڭ مېتىردىن ئارتۇق قېزىشقا 220 كۈندىن كۆپرەك ۋاقىت كەتكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان 12 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنى قېزىشقا يۈرۈش قىلىش پىلانى خەلقئارادا دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلاردا، خىتاينىڭ بۇ پىلانى كەلگۈسىدە تارىم ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا قانداق گېئولوگىيەلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى قوزغاپ كەلمەكتە ئىدى.

ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇق كولاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيا رېكورتىنى يارىتىشنى نىشان قىلىدۇ؟ ئۆز تۇپراقلىرىدىكى بىباھا بايلىقلاردىن ئازراقمۇ مەنپەئەت ۋە نەپكە ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ياشاۋاتقان بۇ زېمىندا، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇق كولاش ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىي بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان مۇختەر چوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق كولاش رېكورتى بۇندىن 30-40 يىل ئىلگىرى ياۋروپادا يارىتىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، يەر شارىنىڭ ئىچكى قۇرۇلما تۈزۈلۈشى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، خىتاينىڭ تارىم نېفىتلىكىدە كولىغان 10 مىڭ 910 مېتىرلىق قۇدۇق بۇرغىلىشىنىڭ يەر شارىنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىغا يېتىپ بارالمايدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق قۇدۇق كولاش جەريانىدا يەر قاتلىمىدىكى 10 مىڭ 851 مېتىردىن 10 مىڭ 910 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقىرى سۈپەتلىك قەدىمكى مەنبەلىك تاشلار بايقالغان. خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك قۇدۇق قېزىش گېئولوگىيەلىك نەزەرىيەۋى جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنى بايقاش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئالغان، ھازىر ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان دوكتور گۈلمىرە بەرداش خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا زور نېفىت بايلىق مەنبەسى مەۋجۇت بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قۇدۇق كولاش رېكورتنى يارىتىشى ئۇلارنىڭ دۇنيادا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش غەرىزىنى يەنىمۇ ئېنىق ئاشكارىلايدىكەن.

ئۇ خىتاينىڭ بۇ خىل نېفىت قۇدۇقى كولىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا كۈچلۈك سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە تارىم ئېكولوگىيەسىگە زىيان سېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

خىتاينىڭ «شىنخۇا خەۋەرلەر» تورىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى 67 مىليارد 100 مىليون توننا بولۇپ، بۇ، ئومۇمىي نېفىت بايلىق سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور ئىكەن.

ھازىر كانادا ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ گېئولوگىيەلىك چارلاش باشقارمىسىدا مېخانىك ئىنژېنېرى بولغان ئەنۋەر ئىمرەمزى ئەپەندى خىتاينىڭ تارىم نېفىتلىكىدە 10 مىڭ 910 مېتىرلىق قۇدۇق كولاش رېكورتىنى يارىتىشى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى نېفىت بازىرىنى كونترول قىلىش ۋە نېفىت بۇرغىلاش ساھەسىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق سەۋىيە يارىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىش، لېكىن ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنى ھېسابقا ئالمىغان.

نۆۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرىدا بەس-بەستە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، «ئىنسانىيەتكە غايەت زور تۆھپە قوشقان» لىقىدىن ماختانغان خىتاي دائىرىلىرى بۇ رېكورت بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، نېفىت بۇرغىلاش ساھەسىدىكى تەكشۈرۈش، چۈشىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىلگىرىلەشلىرىنىڭ تېخى ئەمدىلا باشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مۇختەر چوڭ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا خىتاينىڭ ياراتقان بۇ «ئاجايىپ» رېكورتىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان غەرەزلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ بايلىققا ئېرىشىش يولىدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ، ئومۇمەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىنى بۇزۇشتىن يانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تارىم نېفىتلىكىدە نۇرغۇن چوڭقۇر قۇدۇقلارنى قېزىپ، نېفىت-گاز ئېلىشىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە باشقا ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى خەلقئارادا جىددىي دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.