قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي جايلار ۋە يادىكارلىقلار تونۇشتۇرۇلدى
2023.04.18

ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بۇ كۈنلەردە، قىرغىزىستاننىڭ چۇ ۋىلايىتى توقماق شەھىرىدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۆسمۈرلەرنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنزىرە-نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
يەسلى مۇدىرى زۇلفىيە ئۇبۇلقاسىموۋانىڭ باشچىلىقىدىكى بىر توپ ئۇيغۇر مۇئەللىملەر ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي نۇقتىلار ۋە قەدىمكى قۇرۇلۇشلارنى تونۇشتۇردى. بۇ پائالىيەت «خەلقئارا يادىكارلىقلار ۋە تارىخىي ماكانلارنى قوغداش» كۈنىگە بېغىشلانغان بولۇپ «بالاجان» يەسلىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇراسىمغا 7-ياشتىن 14-ياشقىچە 23 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر قاتناشتى.
1982-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يادىكارلىقلار كېڭىشى مەجلىسىدە ھەر يىلى 18-ئاپرېلنى «خەلقئارا يادىكارلىقلار ۋە تارىخىي ماكانلارنى قوغداش» كۈنى دەپ بېكىتىلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن توقماق شەھىرىدىكى يۇنېسكو كۇلۇبنىڭ ئەزاسى بولغان بەزى مەكتەپلەر «دۇنيا مىراسلىرى» (world heritage) دېگەن شوئار ئاستىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. شۇ پائالىيتلەردىن ئىلھام ئالغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۆز بالىلىرغا ئۇيغۇر تارىخىي ماكانلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىشقان.
پائالىيەت داۋامىدا ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى، ئاپاق خوجا مازىرى، تۇرپان كارىزلىرى، ئىمىن خوجا مۇنارى ۋە باشقا تارىخىي مەنزىرىلەر توغرىسىدا رەسىملىك مەلۇماتلار بېرىلدى. ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرى ياقتۇرغان تارىخىي قۇرۇلۇشلارنىڭ رەسىملىرىگە رەڭ بېرىپ، قايسىي تارىخىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قايسىي شەھەرگە جايلاشقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشتى.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى زۇلفىيە ئۇبۇلقاسىموۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلارنى بىر جايغا جەم قىلىش، ئۇلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا مىللەت سۆيەرلىك روھىنى ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت گەرچە رۇس تىلىدا ئېلىپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن پائالىيەت داۋامىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بالىلارنىڭ ئېسىدە مەڭگۈلۈك خاتىرە بولۇپ قالدى. مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلاردىن سامىرا ۋە لەيلا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
توقماق شەھىرى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك ئەتراپىغا جايلاشقان كىچىك بىر شەھەردۇر. رەسمىي مەلۇمۇتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر شەھەردىكى نوپۇسى بەشىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. 2014-يىلى نەشىر قىلىنغان «قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى» ناملىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 1926-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى سوۋېت قىرغىزىستاندا 8300 نەپەر ئۇيغۇر ئاھالىسى بار بولغان. ھالبۇكى، 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ستالىننىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئېلىپ بارغان چوڭ تازىلاش ۋە قىزىل تېرورلۇق مەزگىلىدە قىرغىزىستاندا 2 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. شۇ يىللاردا قىرغىزىستاندىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ستالىننىڭ مەجبۇرىي كولخوزلاشتۇرۇش ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى، شۇنداقلا شۇرالار ئىتتىپاقىنى قاپلىغان ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن چېگرا ئاتلاپ ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەتكەن. قەپ قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى «ئۆزبەك» ياكى «قىرغىز» دەپ تىزىملىتىشقا مەجبۇر بولغان.
سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان 1960-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى زور كۆچتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ چىققان خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاننىڭ چۇ ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشقان. بۈگۈنكى رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستاندا ھازىر 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشىماقتا. خەلق ئىچىدىكى قاراشلار ۋە تەخمىنلەرگە قارىغاندا ئەمەلىيتتە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىكەن. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنى مىللىي كىملىكى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.