قاغىلىقنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار «سانائەت باغچىسى» غا ئولتۇراقلاشتۇرۇلۇپ زاۋۇتلاردا ئەمگەككە سېلىنغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.03.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
دەريابويىدىكى ئۇيغۇرلار قۇملۇقتىن ھۇزۇر ۋە بەخت تېپىپ ياشاپ كەلگەن قەدىمىي دەريابويى يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرگەن رايون.
Photo: RFA

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە قاغىلىقنىڭ ئۈچ تاغلىق يېزىسىدىن ئاقتاش بازىرىنى مەركەز قىلىپ كۆچۈرۈلگەن دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن «سانائەت رايونلىرى» غا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكى» خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە بۇ دېھقان-چارۋىچىلاردىن 3062 ئائىلىدىن 14 مىڭ كىشىنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن «نامراتلارنى يۆلەش» ياردىمىگە ئېرىشىپ، 14 مىڭ كىشىگە «تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم كارتىسى» بېجىرىپ بېرىلگەنلىكى، 5800 كىشىنىڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى «توقۇمىچىلىق فابرىكىسى»، «ئاياق زاۋۇتى»، ۋە «كۆكتات پارنىكلىرىدا» «ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى» نىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى، 2016-يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇيان يۇرتى قاغىلىقنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-يۇرت ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەت توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ يۇرتى قاغىلىقتا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاتالمىش سانائەت رايونىغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلىرىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ياشاش مۇھىتىنى ۋەيران قىلغانلىق، شۇنداقلا ئۇلارنى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەرگە بەند قىلغانلىق» دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر خەۋەردە قاغىلىقنىڭ ئاقتاش بازىرىغا جايلاشقان ئاتالمىش «سانائەت باغچىسى» نىڭ 40 مىڭ كۋادرات مېتىر دائىرىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، بۇ جايدا 7 سانائەت شىركىتى بارلىقى، زاۋۇت، تۇرالغۇ ئۆي، يەسلى، مەكتەپ، داۋالاش پونكىتلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان ۋە ئەتراپىغا «كۆكتات پارنىكلىرى» جايلاشقان مەزكۇر «سانائەت باغچىسى» نىڭ قاغىلىقنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن دېھقان-چارۋىچىلارنى مۇقىم ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ «باياشات، بەختلىك ھايات كۆچۈرۈۋاتقان» لىقى ئالاھىدە تەرىپلەنگەن.

خەۋەردە خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىپ باياشات ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، قاغىلىق سانائەت رايونىغا جايلاشقان «شىنگوخاۋ كىيىم تىكىش كارخانىسى» دا ئىشلەۋاتقان ئامىنە ئىسىملىك ئايال ۋە «كۆكتات پارنىكى» تا ئىشلەپ بېيىغان تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر دېھقان نەقىل ئېلىنغان.

خەۋەردە ئامىنە ئىسىملىك ئايالنىڭ تىلى ئارقىلىق، ئائىلىسى بىلەن 2018-يىلى قاغىلىقنىڭ تاغلىق يېزىدىكى 5 مو يېرى بار ئۆيىدىن ئايرىلىپ، ئاقتاش بازىرىدىكى «سانائەت باغچىسى» غا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ «تىككۈچىلىك كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دە، ئېرىنىڭ «ئاياق تىكىش يەنى موزدۇزلۇق كەسپىي مەكتىپى» دە بىر مەزگىل تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە «ئۆيى ئالدىدىكى زاۋۇتتا مۇقىم مائاشلىق خىزمەتكە ئېرىشىپ، يىللىق تاپاۋىتىنىڭ 40 مىڭ يۈەنگە يەتكەنلىكى» ئالاھىدە بايان قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خىل خەۋەرلەر، نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە تەكىتلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراپ، «مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقان» ئەھۋاللارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىشى ھېسابلىنىدىكەن.

زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاشتىكى ئاساسىي گەۋدە بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆز يۇرت ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ، مۇشۇ خىلدىكى ئاتالمىش «سانائەت رايونلىرى» دا خىتايلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇشى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم قىسمى» دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت