خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 9-سېنتەبىر، جىددىي ھەرىكەت چاقىرىقى ئېلان قىلىپ، خەلقئارادىكى ئەزالىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپقا سېنتەبىر ئېيى ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشىنى دەرھال توختىتىشى ئۈچۈن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە ئىمزالىق تەلەپ خېتى يوللاش ھەرىكىتىگە جىددىي ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىق قىلغان. چاقىرىقتا پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن مەخپىي ۋە ئادالەتسىز ھالدا سوت ئېچىپ جازا ھۆكۈم قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ مەجبۇرىي ھالدا ئىز-دېرەكسىز قىلىۋېتىلگەندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇنىڭ نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىدىن مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىدەك ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلغان.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا قارىتىپ يېزىلغان ئىمزالىق مەكتۇپتا، بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى ئارتىلغان پروفېسسور تاش پولات تېيىپقا بېرىلگەن كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ھۆكۈمىنىڭ، ئۇنىڭ ئەگەر باشقا جىنايەت ئارتىلمىغان تەقدىردە ئىككى يىلدىن كېيىن جىنايىتىنىڭ يېنىكلىتىلىش ئېھتىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئىزاھلانغان. خەتتە يەنە نۆۋەتتە پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ ھايات-ماماتى قاش-كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالغانلىقىدەك تەخىرسىز بىر ۋەزىيەتتە، شى جىنپىڭنىڭ تاشپولات تېيىپكە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش پىلانىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە ئۇنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىشى، ئەگەر ئۇنىڭ خەلقئارادىكى قانۇنلارغا خىلاپ جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلار بولغان تەقدىردە ئۇ خەلقئارا ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنىي ئۆلچەم بويىچە سوتلىنىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى فىرانسىسكو بېنكوسمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى تاشپولات تېيىپ ئۈستىدىن 2018-يىلى ئاخىرى چىقارغان ئۆلۈم جازاسىنى نېمە ئۈچۈن ھازىر بۇنداق جىددىي ئىجرا قىلماقچى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسلىنارلىقى، تاشپولاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنى نېمە ئۈچۈن ھازىر ئىجرا قىلىنماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن بولغاچقا بۇ دوكلاتنى مۇشۇ خىل شەكىلدە يېزىشقا مەجبۇر بولدۇق. تەشكىلاتىمىزنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتەك سىستېمىمىز بار. بىز ئىلگىرىمۇ خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئەمەسلىكى ھەققىدىمۇ دوكلاتلار ئېلان قىلغان. ئەمما بېيجىڭنىڭ مۇنداق بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ئۈستىدىن مۇنداق بىر قارارنى داۋاملاشتۇرۇشى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدۇ خالاس».
فىرانسىسكو ئەپەندى، گەرچە تاشپولات تېيىپقا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ۋاقتى ئېنىق بولمىسىمۇ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى سېنتەبىر ئېيى ئىچىدە ئىجرا قىلماقچى ئىكەنلىكىدەك مەلۇماتنىڭ، تاشپولات تېيىپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە باشقىلار بولۇپ كوپ تەرەپلىمىلىك ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئىگە بولۇنغان ئىشەنچلىك خەۋەر ئىكەنلىكى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ پەقەت پەۋقۇلئاددە تەخىرسىز جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە بۇ خىل جىددىي ھەرىكەت چاقىرىقى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ياكى ئەدلىيە تارماقلىرى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا تېخىچە ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتتى.
فرانسىسكو ئەپەندىدىن 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سەرخىل زىيالىيلىرىنىڭ لاگېرلارغا ۋە ياكى تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان بىر پەيتتە تاشپولات تېيىپنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆز ئەندىشىسىنى مۇنداق بايان قىلدى: «تاشپولات تېيىپنىڭ دېلوسى بىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماشتا ‹قايتا تەربىيەلەش› ئېلىپ بېرىۋاتىمىز دېگەن تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. بۇ جايدا نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيەلىك زىيالىيلار بار، ئۇلارنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغاندىن سىرت، ھەر تۈرلۈك جازا ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىشى پۈتۈنلەي ئادالەتسىزلىكتۇر ۋە ئىنسانلىققا خىلاپ، بۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ قولى ئاستىدا ھېچكىمنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى، خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».
ئاخىرىدا ئۇ يەنە تەكىتلەپ: «ئۆلۈم جازاسى تېخى ئىجرا قىلىنمىغان ئەھۋالدا مەسىلىگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ۋە خىتاينىڭ بۇنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشى ۋە تاشپولات تېيىپنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشتە يەنە پۇرسەت بار دەپ قارايمەن» دېدى. فرانسىسكو ئەپەندى، ئەگەر مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئۈچۈن خەلقئارا ماگنىتسكىي قانۇنىنى يولغا قويسا ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىسا، بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تېلېفونلار ئۇلانمىغانلىقى سەۋەبلىك پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى، ئەمما تاشپولات تېيىپنىڭ ئامېرىكادىكى ئىنىسى نۇرى تېيىپ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكىسىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىجرا قىلىش قارارى ئالغانلىقىنى خەۋەردىن كۆرگەندىن باشقا ئۆزى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرى تېيىپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئاكىسى بىلەن 18 يىلدىن بۇيان ھېچ ئالاقە قىلىپ باقمىغاندىن سىرت يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەنمۇ بىۋاسىتە ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنىكەن.
نۇرى تېيىپ ئەپەندى: «ھازىر مېنىڭ ئاكاملا ئەمەس، يەنە پۈتۈن مىللەت ئوخشاش تەقدىرگە يولۇقماقتا، ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي تەرىپىدىن ئاكامغا ئوخشاش ناھەق جازالانماقتا ۋە ئۆلتۈرۈلمەكتە. بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىلا ئەمەس ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى ۋە شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ قىرغىنچىلىقنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن جازالىغان ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە تونۇلغان زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆمرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيە ئىلمىگە ئاتىغان بۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك زىيالىينى ئەينى چاغدا ئېتىراپ قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرگەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە ھەم تەتقىقاتلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەنىدى. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە سوتلاپ ئاخىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ ۋەقە دۇنيا ئاخباراتىدىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى سۈپىتىدە مۇلاھىزە قىلىنغانىدى. باش شتابى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئالدۇلھەمىت قاراخان، «خىتاينىڭ بىر ئىلمىي تەتقىقاتچىنى يوقىلاڭ باھانە بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇپ ئۇنى ئىجرا قىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى» دېدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى تاشپولات تېيىپنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىدىكى قارار چىقىرىش ھوقۇقى بولغانلارنىڭ تاشپولات تېيىپنىڭ ھاياتىغا زامىن بولۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
0:00 / 0:00