ئامېرىكادىكى خەلقئارالىق ئورگانلار ئۇيغۇر پروفېسسور تاشپولات تېيىپنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا

0:00 / 0:00

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە پروفېسسورى تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ مۇشۇ يىل 9-ئاي ئىچىدە ئىجرا قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇلار تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش قىممەتلىك بىر بىلىم ئادىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتسىز قارىلاشلىرى ئاستىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە چاقىرىق قىلدى.

19-سېنتەبىر كۈنى مەركىزى ئامېرىكادىكى خەلقئارالىق ئورگانلاردىن «ئالىملارغا غەمخورلۇق كومىتېتى» خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىش ئارقىلىق تاشپولات تېيىپنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلدى. مەزكۇر ئورگان ئوچۇق خېتىدە تاشپولات تېيىپنىڭ مول-ھوسۇللۇق بىر بىلىم ئادىمى ۋە تالانتلىق يېتەكچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇلار خېتىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «بىز سىزدىن (شى جىنپىڭدىن) تاشپولات تېيىپنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىڭىزنى، ئۇنى شەرتسىز ھالدا ئەركىنلىككە چىقىرىپ، ئۇنىڭ نورمال ھاياتىغا داۋام قىلىشىغا ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ يەنىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق ھەسسە قوشۇشىغا كاپالەت بېرىشىڭىزنى سورايمىز»

«ئالىملارغا غەمخورلۇق كومىتېتى» ئامېرىكادىكى مۇستەقىل خەلقئارالىق ئورگان بولۇپ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى، تەتقىقات ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئالىملار، پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلاردىن تەركىب تاپقان شۇنداقلا 50 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بىر ئورگاندۇر. بۈگۈن مەزكۇر ئورگاننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پروفېسسورى ئىۋگىنى چادنوۋىسكىي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن جىددىي بىر ۋەزىيەت. بىز تاشپولات تېيىپنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز. سىزگىمۇ مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيۋاتىدۇ. بىز ھازىر ئۇنىڭ قانداق ۋەزىيەتتىلىكىنى ھەتتا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر جىددىي بىر ئەھۋال»

پروفېسسور ئىۋگىنى چادنوۋىسكىي سۆزىدە ئۇيغۇر ئالىمى تاشپولات تېيىپنىڭ پەقەت پىكىر يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن. ئۇ دېموكراتىك ئەللەردە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئەمەس، ھەتتا تۇتقۇن قىلىشقىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى ئىشلەتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بەزى سىياسەتلىرىدىن نارازى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرۇيىنى، مەرتىۋىسىنى ئۆزىگە بىر تەھدىت، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى كەڭ خەلققە ناھايىتى تېز تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغانلىقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى جازالىدى.»

پروفېسسور ئىۋگىنى چادنوۋىسكىي سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ تارىخى جىنايەتنى تەكرارلىماسلىققا، شۇنداقلا تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال ئازاد قىلىشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تارىختا ناتسىستلار گېرمانىيەسى تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇلغان. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇنداق يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ بىر يېرىم مىليون، ھەتتا 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى لاگېرلارغا سولىدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تارىختا يۈز بەرگەن تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنى تەكرارلاش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىدىغىنىم، لاگېرلاردىكى بارلىق كىشىلەرنى ئازاد قىلىڭلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى جازالاشنى توختىتىڭلار.»

پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان ۋە بۇ ھەقتە 13-سېنتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان يەنە بىر تەشكىلات بولسا «خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوچۇق خېتىدە تاشپولات تېيىپنىڭ زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقى، ئۇنىڭ پەقەت بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن پىكىر قىلىش ھوقۇقىنى ۋە كۆز قاراش ئەركىنلىكىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

بۈگۈن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كلەير روبىنسون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشپولات تېيىپقا قىلغان بۇ ھۇجۇمىنىڭ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى ھەربىر زىيالىي، ھەربىر ئالىم ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جامائىتىنىڭ ھەممىسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «بىر ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرىغا قىلىنغان ئۆلۈم تەھدىتى خىتاينىڭ پۈتكۈل ئالىي مائارىپ ساھەسىنى جىمىقتۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ قايتا تەربىيە لاگېرلىرىغا سولىنىشى ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق مائارىپ ساھەسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشىنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرغان بىر پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك رول ئويناۋاتقان بىر كىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مەنچە پۈتكۈل بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىغا چوڭ زەربە بولىدۇ. ئەمما بىز بۇنى ئوخشاش ۋاقىتتا پۈتكۈل خىتاينىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ۋە شۇنداقلا دۇنيا بويىچە داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىنى بەرپا قىلىشتەك ئارزۇلىرىغا زەربە بەرگەنلىك، دەپ قارايمىز. چۈنكى پىكىر ئەركىنلىكى، تەتقىقات ئەركىنلىكى ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكى بولماي تۇرۇپ، نوپۇزلۇق ئالىي بىلىم يۇرتى قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ.»

كلەيىر روبىنسون خانىم سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش قىممەتلىك بىلىم ئادەملىرىگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش بىلىم ئادىمىنىڭ قىممىتىنى يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا بويىچە نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەرگە ئىگە بولۇشتەك ئارزۇسى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇنداق ئارزۇسى بار، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى دەرىجىسى ئۆسۈپ مېڭىۋاتقان ئىدى. ئەگەر خىتاي بۇنى داۋاملاشتۇرىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ شىنجاڭدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارغا قىلىۋاتقان بېسىم ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.»

كلەيىر روبىنسون خانىم سۆزى داۋامىدا «خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» نىڭ پروفېسسور تاشپولات تېيىپ خەتەردىن قۇتۇلمىغۇچە، پائالىيەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تاشپولات تېيىپنى قۇتقۇزۇش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە چاقىرىق قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى قاتارلىق ئورگانلارنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دەرھال بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشقا دەۋەت قىلىش ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامە يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى نازارەت قىلىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار تەرىپىدىنمۇ ئېلان قىلىندى ۋە شۇنداقلا يەنە نۇرغۇنلىغان شەخسلەر تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى ۋە ئاۋازغا ئېرىشتى. ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىراتى 14-سېنتەبىر كۈنى «ئۇيغۇر پروفېسسور تۇيۇقسىز غايىب قىلىنغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن ئېھتىماللىقى مەۋجۇت تۇرۇقلۇق، خىتاي يەنە ھۆرمەت كۈتمەكتە» ماۋزۇسىدا بىر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ 2017-يىلى دائىرىلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنىدى. كېيىن رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «ساقچى ئىبرەت» فىلىملىرىدە كۆرسىتىلگەندەك، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار ساۋۇت، مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر بىلەن بىر قاتاردا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان مەخپىي سوتتا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر رەسمىي بايانات بېرىپ باقمىغان.

تاشپولات تېيىپ ياپونىيەدە جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان دەسلەپكى ساناقلىق جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى ئىدى.