48 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ بىر ھەيئىتى تايلاندتا پائالىيەت ئېلىپ باردى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.01.21
roshen-abbas-tayland-1

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى روشەن ئابباس خانىم، مۇئاۋىن رەئىس پولات سايىم ئەپەندى تايلاند پارلامېنت ئەزاسى كاننېۋا سويبساڭ بىلەن بىرگە ئاخباراتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2025-يىلى 20-يانۋار، باڭكوك. RFA/Hebibulla Izchi

roshen-abbas-tayland-2.1

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى روشەن ئابباس خانىم تايلاندتىكى ئاخباراتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2025-يىلى 20-يانۋار، باڭكوك. RFA/Hebibulla Izchi

roshen-abbas-tayland-2

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس، مۇئاۋىنى پولات سايىم(سولدا) ۋە د ئۇ ق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى مۇدىرى ساۋۇت مەمەتلەر تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئالدىدا. 2025-يىلى 20-يانۋار، باڭكوك. RFA/Hebibulla Izchi

roshen-abbas-tayland-polat-1

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى پولات سايىم ئەپەندى AP نىڭ تايلاندتىكى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2025-يىلى 20-يانۋار، باڭكوك. RFA/Hebibulla Izchi

roshen-abbas-tayland-3

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى روشەن ئابباس، مۇئاۋىن رەئىس پولات سايىم، د ئۇ ق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى مۇدىرى ساۋۇت مەمەتلەر تايلاند پارلامېنت ئەزاسى كاننېۋا سويبساڭ(ئالدىنقى رەت ئوڭدا) بىلەن بىرگە. 2025-يىلى 20-يانۋار. RFA/Hebibulla Izchi

roshen-abbas-tayland-4

د ئۇ ق ھەيئىتى تايلاندلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى Chalida Tajaroensuk ۋە ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئادۋوكاتلىرىدىن فىل روبېرتسون بىلەن بىللە. 2025-يىلى 20-يانۋار، باڭكوك. RFA/Hebibulla Izchi

roshen-abbas-yaponiye-2

د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تايلاند تۈرمىسىدىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇرۇشۇشلاردا بولغان. 2025-يىلى 21-يانۋار، توكيو. RFA/Hebibulla Izchi

roshen-abbas-yaponiye-1

د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تايلاند تۈرمىسىدىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇرۇشۇشلاردا بولغان. 2025-يىلى 21-يانۋار، توكيو. RFA/Hebibulla Izchi

تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاشكارا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ ئېغىرلىقىنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۆزلىرىنى بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

19-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، مۇئاۋىن رەئىسى پولات سايىم، قۇرۇلتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ساۋۇت مەمەتلەردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت تايلاند پايتەختى باڭكوكقا يېتىپ كېلىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تايلاند ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۈرمە شارائىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ تايلاندتىكى بۇ ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ كېتىشى بۇ تۇتقۇن ئۇيغۇرلارنى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغان. د ئۇ ق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ساۋۇت مەمەت بۇ ھەقتىكى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ۋە نۆۋەتتە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ھەققىدىكى بەزى جەريانلارنى بىز ئورتاقلاشتى.

د ئۇ ق ھەيئىتى تايلاندتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى مەسئۇللىرى ۋە بەزى مۇخبىرلار بىلەنمۇ كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، روشەن ئابباس خانىم يەنە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپى ۋاقتىنچە توختىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ 11 يىلدىن بېرى تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا كۆچمەنلەر قانۇنىي، كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارا قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

بۇ ھەيئەت، 21-يانۋار تايلاندتىكى پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىپلا، ياپونىيەگە قايتىپ، بۇ 48 ئۇيغۇر ھەققىدە ياپونىيە پارلامېنتىدا جىددىي ئۇچرىشىشلاردا بولغان، نۆۋەتتە ياپونىيەدە روشەن ئابباس خانىم بىلەن بىللە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن مۇكەررەم قۇربان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى.

تايلاندتىكى بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى چىققاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا بىرقىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى شۇنداقلا ھەرقايسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئامېرىكانىڭ بەزى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ، تايلاندنى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى خەلقئارالىق مەسىلىگە ۋە نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋە ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بابار بالۇچمۇ بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلارغا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز بۇ ھەقتە جەزملەشتۈرۈلمىگەن دوكلاتلارنى ئاڭلىدۇق ۋە دەرھال تايلاند ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلار بىزگە ئەھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بىز ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە كۆچمەنلەرنى قايتۇرماسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئەسكەرتىپ، تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا باشقا چارە تاللىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز»، دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.