تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سوئال مەكتۇپى سۇندى. ئۇ مەكتۇپىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن «تايلاندتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 40 نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نېمىلەرنى قىلدى؟» دەپ سورىغان.
ئۇ مەكتۇپىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ دېگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقى، بۇ قېتىم قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئېغىر قىيىن-قىستاققا، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەنسىرەشلىرىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ، سوئال مەكتۇپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان.
پارلامېنت ئەزاسى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ سوئال مەكتۇپىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن تۆۋەندىكى بەش سوئالنى سورىغان:
بىرىنچى، 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى زادى نېمىلەرنى قىلدى؟
ئىككىنچى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ ھېسابىنى خەلقئارا قانۇنلارغا تايىنىپ سۈرۈشتە قىلامدۇ-يوق؟
ئۈچىنچى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تايلاند ھۆكۈمىتىگە بۇ توغرىلىق نارازىلىق بىلدۈردىمۇ؟ تۆتىنچى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلامدۇ؟
بەشىنچى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنى ئويلاشتىمۇ؟
تۈركىيە «ئاساسىي قانۇنى» نىڭ 98-ماددىسى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتى نىزامنامىسىنىڭ 96-ماددىسىغا بىنائەن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بۇ سوئال مەكتۇپىغا يازما جاۋاب قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.
ئۇنداقتا، بۇ سوئال مەكتۇپىنىڭ قانداق رېئال ئەھمىيىتى بار؟ بۇ مەكتۇپقا تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى قانداق جاۋاب قايتۇرۇشى مۇمكىن؟ تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «قانۇن بويىچە، بۇ خەتكە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەپسۇسكى، ھازىرقى ھۆكۈمەت بۇنىڭغا رىئايە قىلمايۋاتىدۇ. بۇ خىل سوئال مەكتۇپلىرىغا جاۋاب بەرمەيۋاتىدۇ ياكى بولمىسا تولۇق جاۋاب بەرمەيدۇ. ئىككى بىسلىق جۈملىلەر بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. بۇ مەكتۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈرك خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىلىنىشىگە پايدىلىق، دەپ ئويلايمەن. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئارخىپىغىمۇ كىرگەن بولىدۇ. مەنچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمىسۇن، دەپ ئالمىدى. چۈنكى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن نۇرغۇن كېلىشىمى بار».
تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خېلى كۆپ يول ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسى بولمىدى. بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، تايلاندنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەندىن سىرت، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان سىياسىي پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ يەرلەشتۈرۈلۈشى توغرىلىق نۇرغۇن تەلەپلەردە بولدۇق، لېكىن بۇنىڭدىن نەتىجە چىقمىدى. ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇق».
«ئىيى» پارتىيەسى 2018-يىلى تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەن بولۇپ، ئۆتكەن 7 يىلدا 9 قېتىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ لايىھە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇلارنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىنغانىدى. بۇ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېڭىدىن ۋەزىپىگە چىققان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانغا سۇنۇلغان ئىككىنچى سوئال مەكتۇپىدۇر. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل ئارسلان ئەپەندى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سوئال مەكتۇپى سۇنۇپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىدە نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سوئال قويغان ئىدى. ئۇ شۇ قېتىم سۇنغان سوئال مەكتۇپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغانىدى. ھالبۇكى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن بۇ مەكتۇپقا ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىگەن، ئۇنىڭ قاچان جاۋاب بېرىدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس ئىكەن.