تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ 10 يىللىق تۈرمە ھاياتى مۇنازىرە قوزغىماقتا
2024.03.12
بۇ يىل، تايلاند-مالايسىيا چېگراسىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاندتىكى تۇتقۇنلۇق ھاياتىنىڭ 10-يىلىدۇر.
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق خىتايدىن قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان 220 كىشىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر تايلاند-مالايسىيا چېگراسىغا يېقىن سۇڭخلا دېگەن جايدا تايلاند ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئىچىدىكى 109 نەپەر قورامىغا يەتكەن ئەر، 2015-يىلى 7-ئايدا كۆرسىتىلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.
تايلاند دائىرىلىرى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان 170 نەپەر ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە يولغا سالغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاندتا ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەنە 40 تىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى مەلۇم.
9-مارت كۈنى، تايلاندتىكى «بازا» (The Fort) ناملىق تەشكىلات خەلقئارا جامائەت ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىش ۋە ئۇلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش مەقسىتى بىلەن مەخسۇس بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا سۆز قىلغان تايلاندلىق ۋە باشقا خەلقئارالىق مۇتەخەسسىلەر بىردەك، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 3-دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىشقان. يىغىن تايلاندتا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەدىكى پەرزەنتىنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىگە قىلغان خىتابى بىلەن باشلانغان.
ئاندىن، تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى راتتىكۇل چانسۇرىيا خانىم تايلاندتا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان 40 تىن ئوشۇق ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، قانۇنسىز كۆچمەن قاتارىدا مۇئامىلە كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ناچار شارائىتلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلار ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ چوقۇم مۇۋاپىق ۋە بىخەتەر بولغان 3-دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
چانسۇرىيا خانىم يەنە تايلاند ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلار 3-دۆلەتكە ئورۇنلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلارنىڭ شارائىتلىرىنى ياخشىلاشنى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، «ئالاقىدار ئورگانلار يوشۇرۇن خەتەر سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتۇرۇلمايدىغان چەت ئەللىكلەرنى تەكشۈرۈش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىشى كېرەك. بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوغداشنىڭ مۇھىم مېخانىزمى» دەپ كۆرسەتكەن.
مەزكۇر يىغىندا تايلاند پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى سىجىل ھەل قىلىش تارماق كومىتېتىنىڭ رەئىسى كاناۋېي سۇبساڭ ئەپەندى، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلۇش ۋە قايتۇرۇلۇش جەريانلىرى ھەققىدە ئاڭلىغۇچىلارغا ئىنتايىن تولۇق مەلۇمات بەرگەن. كاناۋېي سۇبساڭ ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئىشقا بىۋاسىتە ئارىلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغان بىرىنچى كۈنىلا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇنىڭدىن بۇ تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، شۇ ئىشتىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلارنى بىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان.
كاناۋېي سۇبساڭ يىغىندىكى سۆزىدە ئەينى چاغدا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلغان جەريانلارنى سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:
«. . . . تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق ئىشلىرى ئالاھىدە بولغانلىقتىن، بىز ئۇنى تۈركىيەنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىمىز. بىز 219 نەپەر ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېتىمىز، دەپ قارار چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن مەن بىزنىڭ باڭكوكتىكى خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا تۈركىيەنىڭ بۇ مۇساپىرلارنى ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم ۋە بۇنداق ئەھۋالدا مۇساپىرلارغا چېگرادىن چىقىش رۇخسىتى بېرىلىدىغان ياكى بېرىلمەيدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇلار ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بۇنى قوبۇل قىلىپ ‹ئەلۋەتتە، قويۇپ بېرىمىز› دېدى. تۈركىيە ئەلچىخانىسى بۇ جاۋابنى ئەنقەرەگە بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ 219 كىشىنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن بىر ئايروپىلان ئەۋەتىدىغان بولدى. دەل شۇ ۋاقىتتا باڭكوك دائىرىلىرى يەنە ماڭا تېلېفون قىلىپ، ‹تۈركىيەدىن سوراپ باققان بولساڭ، باڭكوكتا يەنە 100 نەچچە كىشى بار ئىدى، ئۇلارنىمۇ قوشۇپ ئەكىتەلەمدىكەن؟› دەپ سورىدى. بۇ دېگەنلىك، جەمئىي 400 ئادەم بولۇپ ئۇنىڭغا ئىككى ئايروپىلان كېتەتتى. مەن دەرھال تۈركىيە ئەلچىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى دېدىم. ئەلچى ماڭا ‹تۇرۇپ تۇر› دەپلا تۈركىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى باش مىنىستىرىغا، يەنى ھازىرقى جۇمھۇر رەئىسىگە تېلېفون قىپتۇ. ئۇ كىشى دەرھاللا ‹ماقۇل› دەپتۇ. ئارىدىن 5 مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا باش ئەلچى ماڭا تېلېفون قىلىپ، ‹چاتاق يوق، تۈركىيەدىن ئىككى ئايروپىلان ئەۋەتىدىغان بولدى، 24 سائەت ئىچىدە ئايروپىلانلار يولغا چىقىدىغان بولدى› دېدى. مېنىڭ يۈرىكىم ھاياجاندىن سوقۇپ كېتىۋاتاتتى. چۈنكى 400 كىشىنىڭ مەسىلىسى ھەل بولاي دەۋاتاتتى. ئەپسۇسكى، تۈركىيە ئايروپىلانى يولغا چىقاي دەپ تۇرغان ۋاقىتتا، تايلاند ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق بۇ ئىشنى توختىتىپ، تۈركىيە ئايروپىلانىنىڭ كېلىشىنى توختىتىپ قويدى ۋە بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. . .»
پارلامېنت ئەزاسى كاناۋېي سۇبساڭنىڭ دېيىشىچە، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ 10 يىلدىن بېرى ھەل بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى، پەقەت ۋە پەقەت تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورقۇشى، خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋېلىشنى خالىماسلىقى ئىكەن.
كاناۋېي سۇبساڭ سۆزىدە، «مەن بىر كۈنى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ جاسارەتلىك بولۇپ، ئىنسان ھاياتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئىقتىسادمۇ مۇھىم، ئەمما ئىنسان ھاياتى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم» دېگەن.
يىغىندا سۆز قىلغان تايلاند خەلق ھوقۇق فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى چالىدا تاجارېنسۇك خانىمنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تايلاند دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە ياكى ئادوۋكاتلارنىڭ بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە ئىنتايىن قاتتىق چەكلىمە قويىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇنى «سەزگۈر بىخەتەرلىك مەسىلىسى» دەپ ئاتايدىكەن. چالىدا تاجارىنسۇك خانىم يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى توختىماي سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
«خىتايغا ئوخشاش بىر چوڭ كۈچ ئالدىدا ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئىنتايىن كىچىك بولۇپ قالىدۇ، بىراق شۇنداقتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر كۈنى دېگۈدەك تايلاند تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدىكەن، بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېتىش توغرىسىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك تەلەپ سۇنىدىكەن.»
يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئارىسىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى ئاندرېئا گىئورگېتتا ۋە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فىل روبېرتسون قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار يىغىندىكى سۆزلىرىدە تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇساپىرلار ھوقۇقى بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشكە؛ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 3-دۆلەتكە ئورۇنلۇشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىپ چىقىشقا؛ بۇ كىشىلەرگە قانۇنسىز كۆچمەن سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا؛ ئۇلارنىڭ شارائىتلىرىنى، بولۇپمۇ داۋالىنىش ۋە سىرت بىلەن ئالاقىسىنى ياخشىلاشقا چاقىرغان.
دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى راتتىكۇل خانىم ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى داۋاملىق ھۆكۈمەتكە تەكىتلەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تايلاندتىكى مۇساپىرلار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى يېقىندا يەنە تايلاند باش مىنىستىرى سرېتتا تاۋىسىنغا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىش ھەققىدە ئوچۇق خەت يازغان. ئۇلار بۇ ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلىغان.
ئامېرىكادىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋاقىتلىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى مايا ۋاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، تايلاند ھۆكۈمىتىنى بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىز تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئالدى بىلەن بۇ كىشىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىمىز. تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بىخەتەر بولغان 3-دۆلەتكە كېتىشىگە يول قويۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئائىلىسى بار. تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ئائىلىلەرنى جەم قىلىشى كېرەك. بۇ ئۇيغۇرلار تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەنلىكىنىڭ جازاسىنى ئاللىقاچان ئۆتەپ بولدى، ئۇلارنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقان مۇئامىلىسى ئىنسانىيلىققا يات.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 8-مارت كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا دېيىلىشىچە، تايلاند دائىرىلىرى 2015-يىلى 109 نەپەر ئۇيغۇر ئەرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، يەنە 50 نەپەر ئۇيغۇر ئەرنى تايلاندتا تۇتۇپ قالغان. 2023-يىلى 4-ئايدا تايلاندنىڭ سۇئان فلۇدا دېگەن يېرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 ياشلىق مەتتوختى مەتتۇرسۇن جىگەر ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قازا قىلغان. ئۇ يېقىنقى 10 يىلدا تايلاندتىكى تۇتقۇن جەريانىدا قازا قىلغان بەشىنچى ئۇيغۇر مۇساپىر ئىكەن. ئۇندىن ئىلگىرى 2023-يىلى 2-ئايدا ئوخشاش تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى 49 ياشلىق ئەزىز ئابدۇللامۇ ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغان. 2018-يىلى، 27 ياشلىق بىر ياش راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. 2014-يىلى بولسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن، 3 ياشلىق بالا ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە تايلاندتىكى تۈرمىدە قەپقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 43 نەپەر ئىكەن.