ئىستانبۇلدا كورونا ۋىرۇسىدىن قوغدىنىش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن «ئەمچى شىپالىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» تەرىپىدىن ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكى رېتسېپى بويىچە ئىككى خىل دورا ياسىلىپ تارقىتىلدى.
ئۇيغۇر تېبابەت ساھەسىدە تونۇلغان مۇدىر ۋراچ، پروفېسسور مۇتەللىپ ئەلىھاجى ئەمچى باشچىلىقىدىكى «ئەمچى شىپالىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» كورونا ۋىرۇسىغا قارشى دورا ياساپ تارقاتتى.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن «ئەمچى شىپالىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن مۇدىر ۋراچ ۋە تېۋىپ مۇتەللىپ ئەلىھاجى ۋە ئابدۇلەھەد ئۇچقۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇلەھەد ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان «ئەمچى شىپالىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» يېقىندا، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت رېتسېپلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ، كورونا ۋىرۇسىغا قارشى قوغدىنىش ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا شىپالىق دەپ قارالغان «زۇپا شەربىتى» ۋە «سوئال مەجۈنى» نامدىكى ئىككى خىل دورا ياساپ چىققان.
ئىگىلىنىشىچە، «زۇپا شەربىتى» ۋە «سوئال مەجۈنى» نامدىكى ئىككى خىل دورىنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن قوغدىنىش خۇسۇسىيەتلىرى بولۇپ، ئۆپكە ياللۇغى، كاناي ياللۇغى، نەپەس يوللىرىدىكى بارلىق ياللۇغلار، گال ئاغرىقى، قىچىشىش، زۇكام ۋە يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپالىق ئىكەن.
ئابدۇلەھەد ئۇچقۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي تېبابىتى ھۆكۈمەت تەرەپتىن رەسمىي قوبۇل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ياساش ۋە بازارغا سېلىش ئۈچۈن رەسمىي بىر شىركەت قۇرۇپ چىققان. بۇ مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى چوڭ مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرىدا تېپىلىدىغان دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئابدۇلەھەد ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تېۋىپلاردىن 20 كىشى تەرىپىدىن «ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ۋەخپى» نامىدا بىر ۋەخپە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ۋەخپە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنىپ، رەسمىي تەستىقلانغانىكەن.
«ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ۋەخپى» ۋە «ئەمچى شىپالىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» مەسئۇلى مۇدىرى مۇدىر ۋراچ مۇتەللىپ ئەلىھاجى ئەمچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ ۋەخپە ھازىر ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئالاقىدار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە كېسەل كۆرۈش، داۋالاش ۋە ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكى ھەم دورىگەرلىكى توغرىسىدا كۇرس ئېچىپ، مىللىي تېبابەتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىكەن. بۇ ۋەخپىنىڭ نامىدا ھازىرغىچە ئىستانبۇلدا 5 قارار مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك كۇرسى ئېچىلغان ۋە كۇرسانتلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىلغان.
مۇتەللىپ ئەلىھاجى ئەمچى بۇ قېتىم ياساپ تارقاتقان دورىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيانى ۋەھىمىگە سالغان خىتايدىن تارقالغان ۋىرۇس ئەڭ ئاۋۋال نەپەس يوللىرى قۇرۇلمىسىنى-بۇرۇن، كاناي، كانايچە، ئۆپكە ۋە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدۇ، زۇپا شەربىتى بىلەن سوئال مەجۈنى ھەر ئىككىسى بىرلىكتە، بىر-بىرىنى تولۇقلىغان ھالدا غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ۋە بەلغەمنى تەڭشەيدۇ، نەپەس يوللىرى قۇرۇلمىسىنى ئىسسىتىدۇ، كۈچلەندۈرىدۇ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ۋىرۇسنىڭ نەپەس يوللىرىغا بەرمەكچى بولغان زىيانلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ».
ئابدۇلەھەد ئۇچقۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ دورىلارنى ھۆكۈمەت تەستىقلىمىغانلىقى ئۈچۈن سەفاكۆيدىكى دىيانەت تاللا بازىرى دۇكىنىدا سېتىشقا چىقىرىلغان.
ئابدۇلەھەد ئۇچقۇن ئەپەندى، كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن قانچە ئۇيغۇرنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ۋىرۇس ئالامەتلىرى بىلەن شۈبھىلەنگەن 20 ئەتراپىدا كىشىنىڭ مۇشۇ دورىنى ئىچىۋاتقانلىقىنى، ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دورىنى ئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ دورىلارنى پۇلى بارلارغا سېتىش، پۇلى يوق ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە خەير-ساخاۋەت قىلىپ ھەقسىز تەمىنلەش بويىچە ئۇقتۇرۇش چىقارغاندىن كېيىن ھازىرغىچە 500 دىن ئارتۇق قۇتا دورا تۈگەپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇدىر ۋراچ مۇتەللىپ ئەلىھاجى ئەمچى بۇ دورىنى ياساشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەرھۇم غوجا ئابدۇللاھاجىم كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولغاندىن باشلىنىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئەمچى مەھسۇلات چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن 3 خىل دورا زۇپا شەربىتى، لوقى سوئال ۋە ئىممۇنىتېت مەجۈنى دورىلارنى ئىشلەپ چىقىرىلدى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ تۆۋەن باھادا سېتىلدى ۋە زاكات دۇرۇس كېلىدىغان كىشىلەرگە ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ دورىلاردىن زۇپا شەربىتى 500 شىشە، كىچىك 220 گراملىق لوقى سوئال 200 قۇتا، چوڭ 350 گراملىقى 170 قۇتا ۋە ئىممۇنىتېت مەجۈنى 20 قۇتا تارقىتىلدى. بۇ دورىلارنىڭ 90% پىرسەنتى زاكات ھېسابىدا ھەقسىز تارقىتىلدى».
مۇدىر ۋراچ مۇتەللىپ ئەلىھاجى ئەمچى ياسىغان دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن مەرھۇم غوجا ئابدۇللاھاجىنىڭ ئايالىمۇ كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، مەزكۇر دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش نەتىجىسىدە دوختۇرلار ئۇنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ياكى شۈبھىلەنگەن بىر قانچە ئۇيغۇر مەزكۇر دورىلارنى 20 كۈن ئەتراپىدا ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى».
مۇدىر ۋراچ مۇتەللىپ ئەلىھاجى ئەمچى ئەپەندى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدا 30 يىلدىن ئارتۇق ئەمەلىي داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك توغرىسىدىكى دەرسلىك ساھەدە 30 پارچىدىن ئارتۇق تېببىي كىتاب يازغان. ئۇ، 2016-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلماقتىكەن. ئۇ، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تېبابەت ساھەسىدە دورا ياساش، كېسەل كۆرۈش بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، مىللىي تېبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك ساھەدە كۇرس ئېچىپ تېۋىپ يېتىشتۈرمەكتە.
0:00 / 0:00