ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تېلېفونلىرىغا بىر خىل جاسۇسلۇق ئەپىنى مەجبۇرىي قاچىلاتقۇزۇۋاتقانلىقى، ھەتتا ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغان ۋاقىتتا كوچىلاردا توختىتىپ ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرىدا شۇ خىلدىكى ئەپنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، بۇ ئەپ ئارقىلىق ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونلىرىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىغانلىقى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ يەنە ساقچىلارنىڭ قوللىرىدىكى تېلېفونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش بىرلەشمە سۇپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەپ ئارقىلىق بىر مەركەزگە ساقلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
بىراق يېقىندا، مۇشۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق ئەپىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت ۋە باشقا ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن بېرىش ئۈچۈن چېگرادىن كىرگەن ھەرقانداق بىر چەتئەللىكنىڭ تېلېفونىغىمۇ ئورنىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
يېقىندا، ئامېرىكادىكى ئوچۇق تېخنولوگىيە فوندى، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى، مۇھاپىزەتچى گېزىتى ۋە گېرمانىيە ئاممىۋى رادىيو-تېلېۋىزىيەسى ئىدارىسى قاتارلىق بىر قانچە ئورگانلار بىرلىكتە بۇ خىلدىكى ئەپ ئۈستىدىن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى 2-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتايچە «فېڭسەي» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەپ چەتئەللىكلەر چېگرادىن كىرىدىغان چاغدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرىغا مەجبۇرىي ھالدا چۈشۈرۈلىدىكەن. مەزكۇر ئەپ شۇ كىشىنىڭ تېلېفونىدىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى، ساقلانغان تېلېفون نومۇرلىرىنى، شۇ كىشىنىڭ كۈندىلىك كالېندارى، كىرگەن-چىققان تېلېفونلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ مۇلازىمېتىرغا يوللايدىكەن. بۇ ئەپ يەنە شۇ تېلېفونغا ئىلگىرى قاچىلىنىپ ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئەپلەرنى ۋە ھەتتا بەزى ئەپلەردە قوللىنىلغان قوللانغۇچى ئىسىملىرىنىمۇ كۆرەلەيدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگراسىدىن كىرگەن چەتئەللىكلەرنىڭ تېلېفونلىرىغا ئورنىتىلغان بۇ ئەپ يەنە شۇ كىشىنىڭ تېلېفونىدا 73 مىڭ خىلدىن ئارتۇق سەزگۈر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر ھۆججەت بار-يوقلۇقىنى سىكانىرلاپ چىقالايدىكەن.
مەزكۇر ئەپ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئورگانلارنىڭ بىرى بولغان «ئوچۇق تېخنولوگىيە فوندى» نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى دەن مېكدېۋىتنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ئەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان نازارىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن رايونغا كىرمەكچى بولغان چەتئەللىكلەرنىڭمۇ تېلېفونلىرىغا بۇنداق ئەپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دەپ قارايدىغان بولساق، بىز بۇنىڭ پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ ئومۇملاشقان، دەرىجىدىن تاشقىرى نازارەت سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق نازارىتىنى ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن ھەرقانداق بىر ئادەمگە قاراتماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەتنىڭ قانچىلىك چىڭلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس»
چېگرادىن كىرگەن چەتئەللىكلەرنىڭ تېلېفونلىرىغا ئورنىتىلىدىغان بۇ «فېڭسەي» ناملىق ئەپ، بىر تېلېفوندا جىھادىزىمغا، «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» نىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ۋە دالاي لاماغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلارنى، رەسىم ۋە ۋىدىيو قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىكەن. 73 مىڭ خىلدىن ئاشىدىغان بۇ تۈرلەر يەنە ئەرەبچە لۇغەت، قۇرئان، دىنى تەتقىقاتلارغا ئائىت تەتقىقات ماتېرىياللىرى ۋە ھەتتا ياپونىيەدىكى بىر روك مۇزىكا گۇرۇپپىسىغا ئائىت ناخشىلارنىڭمۇ بار-يوقلۇقى قاتارلىق تېررورلۇق بىلەن قىلچىلىكمۇ مۇناسىۋىتى يوق مەزمۇنلارنىمۇ تەكشۈرىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى ۋە ۋايس خەۋەرلەر تورىغا قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى سىكانىرلاۋاتقان بۇ ئۇچۇرلارنىڭ تۈرى ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي تېررورلۇق بىلەن ئادەتتىكى دىنى پائالىيەتلەرنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۋەتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى» دېگەن.
دەن مېكدېۋىتنىڭ بايان قىلىشىچە، دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان بۇ ياپونىيەنىڭ روك مۇزىكا گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قانچە ناخشىلىرىدا تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەرىپلەنگەن بولۇپ، مانا بۇ ئۇ گۇرۇپپىنىڭ خىتاينىڭ ئەپلىرىدە سىكانىرلىنىدىغان مەزمۇن قاتارىغا كىرىشىگە سەۋەب بولغانىكەن. دەن سۆزىدە ئەسكەرتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى رايوندا دىنى ئەركىنلىككە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ۋە ھەتتا دالاي لاماغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى چەكلەپ كەلگەن. ئەلۋەتتە بىز بۈگۈنگە كەلگەندە بۇنداق چەكلىنىدىغان مەزمۇنلارنىڭ يەنىمۇ ئېشىپ بارغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھەرقانداق بىر سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى سىكانىرلىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ-ئەلۋەتتە. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە، دىنى ئەركىنلىكىگە قىسقىسى ئۇلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر» دېدى.
«ۋايس خەۋەرلەر تورى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي چېگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن چەتئەللىكلەرنىڭ تېلېفونلىرىغا ئورنىتىپ قويۇلىدىغان بۇ ئەپ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تېلېفون ئېكرانىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. خەلقئارا خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش جەمئىيىتى بولسا بۇ ھەقتىكى بايانىدا «مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويۇۋاتقان نازارەت سىستېمىسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قانۇنسىز، ئەڭ كەڭرى ۋە ئەڭ زالىملارچە بىر سىستېما ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە مەزكۇر ئەپنى ياسىغان «فىبېرخوم» ۋە «ستارسكاي» تېخنىكا شىركەتلىرى بولسا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان.
0:00 / 0:00