تېلېفوندىكى ئۇچۇرلىرى سەۋەبلىك ئەر-ئايال ماگىستىرلار ۋە تۇغقانلىرى تۈرمىگە سولانغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.09.01
Abduweli-Mijit-Aygul-Eli تېلېفوندىكى ئۇچۇر سەۋەبلىك 13 يىللىق كېسىلگەن، ياپونىيەدە ماگىستىرلىق ئوقۇغان ئابدۇۋەلى مىجىت ۋە ئۇنىڭ ئايالى، 12 يىللىق كېسىلگەن تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى ئايگۈل ئېلى.
Oqurmen teminligen

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلى تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ماگىستىرلىق ئوقۇغان ئايگۈل ئېلى، 2016-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ياپونىيەدە كومپيۇتېر كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان ئېرى ئابدۇۋەلى مىجىت بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 10 يىلدىن ئارتۇق كېسىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئېرى ئابدۇۋەلى مىجىتنىڭ تېلېفونىدىن چىققان ئۇچۇر سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ ئائىلە كىشىلىرىدىن ھازىرغا قەدەر 5 كىشى تۈرمىدە ئىكەن.

ئايگۈل ئېلى ۋە ئېرى ئابدۇۋەلى مىجىتنى يېقىندىن بىلىدىغان دوستلىرىدىن، نۆۋەتتە تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان دىلبەر ئەسئەت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدە ئوقۇش بىلەنلا بولغان بۇ ئەر-ئايالنىڭ تۈركىيەدىكى مەزگىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى.

دىلبەر خانىم تەمىنلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئايگۈل ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئېرى ئابدۇۋەلى مىجىت ھەر ئىككىيلەن غۇلجا قورغاس ناھىيە سۈيدۈڭ بازار پارلاق كەنتىدىن. ئايگۈل ئېلى 2011-يىلى تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ماگىستىرلىق ئوقۇشى ئۈچۈن كەلگەن. ئۇنىڭ يولدىشى ئابدۇۋەلى مىجىت ياپونىيەدە ئۇنىۋېرسىتېتتا تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، 2013-يىلى ئايگۈل ئېلى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، 2016-يىلى ئايگۈل ئېلىنىڭ ئوقۇشى تۈگىگەنگە قەدەر تۈركىيەدە ياشىغان. ئۇلار قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئابدۇۋەلى مىجىتنىڭ ئىنىسى ئابدۇسەمەت مىجىتنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئەر-ئايال ئىككىسى ئۈرۈمچىدىكى قەشقەرلىك تىجارەتچىلەر ئاچقان شەخسى شىركەتلەردە ئىشلىگەن. ئەمما ئۇزۇنغا قالماي ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى دوستلىرى ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 2016-يىلى يىل ئاخىرى ۋە 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەم كېيىنچە لاگېر ئىچىدىلا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ 10 يىلدىن ئارتۇق كېسىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغان.

ئايگۈل ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئېرى ئابدۇۋەلىنى يېقىندىن بىلىدىغان تونۇشلىرىدىن ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئايگۈل ئېلى ئۈرۈمچىگە كەتكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ تۇرغان. ئايگۈل ئېلى ئۇنىڭغا ئېرى ئابدۇۋەلى مىجىتنىڭ 2016-يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە «تېلېفوندا گۇمانلىق ئۇچۇر بار» دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئايگۈل ئېلى يەنە يولدىشى 13 يىللىق كېسىلىپ، غۇلجا كۈنەستىكى قارا بۇغرا تۈرمىسىگە قامالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ قورغاس سۈيدۈك بازىرىغا كەتكەنلىكىنى، قورغاس 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر مەزگىل بوغالتىرلىق خىزمىتى قىلغانلىقىنى ئەينى چاغدا ئۈندىدار ئارقىلىق تۈركىيەدىكى دوستلىرىغا ئېيتقانىكەن.

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايگۈل ئېلى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ تۇيۇقسىز ئۈزۈلگەن. 2018-يىلى ئۇ غۇلجادىكى تونۇشلاردىن داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئايگۈل ئېلىنىڭمۇ 2017-يىلى غۇلجا قورغاستا تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغان. ئۇ ئەر-ئايال ھەر ئىككىيلەننىڭ 10 يىلدىن يۇقىرى كېسىلىپ چوڭ تۈرمە دەپ ئاتىلىدىغان غۇلجا كۈنەستىكى قارا بۇغرا تۈرمىسىگە قامالغانلىقىنى، بۇ ياش ئەر-ئايالنىڭ تېخى يېشىغا يەتمىگەن بوۋاق بالىسىنىڭ غۇلجا قورغاستىكى ياشانغان قېينانىسىنىڭ بېقىشىدا قالغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ئۇچۇر ئالغان.

بۇ خانىم يەنە 2019-يىلى ئايگۈل ئېلىنىڭ ئېرى ئابدۇۋەلى مىجىتنىڭ تېلېفونىدا چىققان ئۇچۇر سەۋەبلىك بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئابدۇۋەلى مىجىتنىڭ ئىنىسى ئابدۇسەمەت مىجىت، دادىسى مىجىت ئەپەندى ۋە ئىنىسى ئابدۇسەمەتنىڭ ئايالى شەھرىبان قاتارلىقلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئابدۇۋەلىنىڭ ئىنىسى ئابدۇسەمەت، دادىسى مىجىت ئەپەندىگە 12 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ، ئۇلار سىياسىي جىنايەتچىلەر قامىلىدىغان چوڭ تۈرمە، يەنى غۇلجا كۈنەستىكى قارا بۇغرا تۈرمىسىگە قامالغان. ئابدۇسەمەتنىڭ ئايالى شەھرىباننىڭ ئاۋۋال قورغاستىكى لاگېرغا قامىلىپ، كېيىن قورغاستىكى مەلۇم لاگېر ئىچىدىكى زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.