ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى شېين ۋە تىمۇ غا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
2024.08.12
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىر قاتار مۇھىم مەجلىس ئەزالىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن خىتاينىڭ شېين ۋە تىمۇ قاتارلىق تور پارچە ساتقۇچىلىرىغا زەربە بېرىدىغان بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلغان.
مەلۇم بولغاندەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانلىقى ئېنىقلانغان مەھسۇلاتلارنى قارا تىزىملىككە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ چېگرادىن كىرىپ بازارغا سېلىنىشىنى توسۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تەكشۈرمەيدىغان ھەمدە تاموژنا بېجى ئالمايدىغان سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ شېيىن ۋە تىمۇ قاتارلىق تور پارچە ساتقۇچىلىرى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
8-ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكرات كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھەمدە كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رون ۋايدېن بىلەن كېڭەش پالاتاسى بانكا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى شېرود بروۋېن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى سۇزان كوللىنس قاتارلىقلار مانا بۇ «ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلىمىسى» نى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان. رون ۋايدېننىڭ ئىشخانىسى يەنە، تېمۇ بىلەن شېئىننىڭ ئامېرىكانىڭ مەۋجۇت سودا قانۇنلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
مەزكۇر قارار ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى، دوكتور سوفى رىچاردسوننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ بۇنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۈنۈملۈك چەكلەشتىكى ئىجابىي قەدەم، دەپ باھالىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىرى ئېلىش ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. ئەسلىدە، شىركەتلەر ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈگىتىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، بۇنداق قانۇن چىقىرىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايتتى. بىراق، شىركەتلەر مەسئۇلىيىتىدىن قاچقان ئىكەن، ئۇ ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئىبارەت بۇ بالايىئاپەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھۆكۈمەتلەر ھەرىكەت قوللىنىشقا تامامەن ھەقلىق.»
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان بلۇمبېرگ گېزىتى 2022-يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توپ ۋە پارچە مال ساتىدىغان «شېيىن» (Shein) ناملىق تور بەتتە سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان ۋە دۇنيادا «شىنجاڭ پاختىسى» دەپ تونۇلىدىغان پاختىلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى رەسمىي تەجرىبىخانىلاردا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن بۇ مەسىلە دىققەت قوزغاشقا باشلىغان ۋە ھەمدە بۇ يوچۇقنى ئېتىش ھەققىدىكى چاقىرىقلار كۈچەيگەنىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنلىرىدا بۇ مەسىلە بىر قانچە قېتىم كۈن تەرتىپكە كەلگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، شېيىن ۋە تىمۇ قاتارلىق خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق نەرسىلەرنى ساتىدىغان تور پارچە ساتقۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكادا قىلىۋاتقان سودىسىنىڭ قىممىتى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە زور ئىكەن.
ئامېرىكادىكى ۋال-سىترىت ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، 2023-يىلىنىڭ ئىچىدىلا بۇ «ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلىمىسى» بىلەن ئامېرىكا بازىرىغا كىرگەن پوسۇلكىنىڭ سانى بىر مىلياردتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپى خىتايدىن كەلگەنىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلىمىسى نۇرغۇن ئامېرىكالىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك فېنتانىلنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا خالىغانچە كىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان.
بۇ قانۇننى قوللىغان ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى باياناتلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈۋاتقان ۋە ھەمدە ئادالەتسىز رىقابەتكە سەۋەب بولۇۋاتقان تىمۇ ۋە شېين شىركەتلىرىنى ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنىڭ دېيىشىچە، يۇقىرىدىكى قانۇننىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادا قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلىشىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلۇشىنى ئاستىلىتىشتا كونكرېت رول ئوينايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ قانۇن لايىھەسى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلىمىسى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە يەنە، بۇ تور بەتلەردىن سېتىلىشى رۇخسەت قىلىنغان مەھسۇلاتلاردىن توشۇش ھەقىقىي ئېلىشنىمۇ تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىمپورتىغا چەكلىمە قويۇش ۋە يېڭى ھەقلەرنى بېكىتكەندىن باشقا يەنە، ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلىمىسى ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرىۋاتقان ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ مەھسۇلاتنى چەكلەش ھوقۇقى بېرىدىكەن، ئۇ ھەم ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا دائىرىلىرىنىڭ تاموژنىدا ماللارنى تۇتۇپ قېلىش ۋە يوقىتىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بەلگىلىمىنى ساقلاپ قېلىشنى ئامېرىكالىق ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ ۋە ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىمىنى ئازايتىدۇ، دەپ قوغداۋاتقانلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى يوقىتىشقا مۇناسىۋەتلىك بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكادىكى نۇرغۇنلىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ساقچى تەشكىلاتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ۋال-سىترىت ژۇرنىلىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك توقۇمىچىلىق تەشكىلاتلىرى كېڭىشىنىڭ باشلىقى كىم گلاس بۇ قانۇننى «توغرا يۆنىلىشتىكى مۇھىم قەدەم» دەپ ئاتىغان. ئۇ ۋال-سىترىت ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكا بازىرى تۆۋەن باھالىق، دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن ۋە قانۇنسىزلىق بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاپىتىگە ئۇچرىدى. بۇ ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارغا خەتەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ ھەمدە ئامېرىكانىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەۋجۇت دەپ قارالغان مەھسۇلاتلار تىزىملىكىنى كېڭەيتكەن ۋە ئارقىمۇئارقىدىن يەنە 8 خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن چەكلىگەنىدى.
توم سۇزى قاتارلىق ئامېرىكا مەجلىس ئەزالىرى ۋە ھەمدە ئالېخاندرو مايوركاسقا ئوخشاش ھۆكۈمەت خادىملىرى باياناتلىرىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى يەنىمۇ كېڭەيتىش، كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.