مۇتەخەسسىسلەر: « ‹تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى› ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىشنىڭ يەنە بىر قەدىمى!»

مۇخبىرىمىز ئۇيغار
2023.05.22
ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «مۇھاجىرلار يىغىنى» ۋە خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي يىغىندا سۆز قىلماقتا.
ts.cn

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىگە قارىتا يېڭى بىر قېتىملىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىم مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى مەھكۇملۇقتا تۇرۇۋاتقان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارادا كۈچلۈك ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

 «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ 7-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى» 9-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مەزكۇر «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» مۇراسىمغا قاتناشقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» غا جەمئىي 88 ئەسەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تاللىنىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەردىن كۈتۈلگەن تەلەپ، «سەنئەت ئىجادىيىتىنى ئېسىل ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ خىتايدىكى ھېكايىسىنى جانلىق بايان قىلىش، خىتاي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش» دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قىزىل تەشۋىقات تۈسى ئالغانلىقى، كوممۇنىستىك پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىش، «بەختىيار شىنجاڭ» ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تەرغىب قىلىش ئاساسىي تېما بولغانلىقى مەلۇم.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 7-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» مۇراسىمىغا ئاتاپ تارقىتىلغان سىنلىق تەشۋىقات كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندىمۇ مۇراسىمدا پەقەت خىتاي تىلى ئىشلىتىلگەن، قاتناشقان ۋە مۇكاپات ئالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەزمۇن ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىيات سەنئىتىگە، مىللىي روھ ۋە مىللىي ئەنئەنىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچ بىر ئەسەر يوقلۇقى كۆرۈنۈپ تۇرغان. سىن كۆرۈنۈشىدە خىتاي ئەدىبلىرىنىڭ سۆزلىگەن «يېڭى دەۋر ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ مەدھىيەسى بىلەن كومپارتىيەنى كۈيلەش كېرەكلىكى» نى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقى نامايان بولغان.

ئالدىنقى قېتىمقى «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ، كۆپلىگەن ئادەملەر لاگېرلار ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىش ئەۋجىگە چىققان 2019-يىلى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقىسى، ئەنە شۇ تۇتقۇنلاردا يۈزلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى، ئارتىس، مۇزىكانت، تەتقىقاتچى-ئالىملىرى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىپ، كۆپىگە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرى ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ چەكلىنىپ مائارىپ پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكى تەنقىدلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئامېرىكالىق ئانتروپلوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس دوكتور دەررېن بايلېر ئەپەندى «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى مۇراسىمى» نىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ تۇتقۇندىن ساق قالغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئارقىلىق خىتاي قىممەت قارىشىنى سىڭدۈرۈشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئېلىدە ئەدەبىيات-سەنئەت تېخىمۇ كۆپ خىتايچە قىممەت قارشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار سەنئەت ئىجادىيىتى ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە سەنئەت تەشۋىقات ۋە سىياسىي شۇئار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەرخىل قاتلىمىنى يوق ئەتمەكچى، خىتاي ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى قولغا ئالدى ۋە قولغا ئېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئورنىنى خىتاي قىممەت قارشىنى مەركەز قىلغان خىتاي يازغۇچىلار ئىگىلەۋاتىدۇ. تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى مۇراسىمى بولسا ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىپ، ئۇلارسىز بىر جەمئىيەت ۋە خەلق يارىتىش جەريانى. ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىشنىڭ يەنە بىر قەدىمى. بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال» .

كانادانىڭ مېگىل ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى دوكتور دىلمۇرات ماخمۇت «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ كەسپى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

2017-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئېلىدا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب، ژۇرنال قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرى ئازىيىپ، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتقا ئائىت مەزمۇنلار خىتاينىڭ تەشۋىقات ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، ئورنىغا ئاز ساندىكى كوممۇنىستىك تەشۋىقات تۈسى ئالغان قىزىل ئەدەبىيات بەرپا قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم. بۇ تۇتقۇن جەريانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نام قازانغان ۋاھىتجان ئوسمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات تۇرسۇن، ئادىل تۇنىياز، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، ئابدۇقادىر جۈمە ۋە باشقا ئەدىبلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىلەرگە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانىدى.

 دوكتور دەررېن بايلېر ئەپەندى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەتى ۋە ئەدىبلەر، يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ پەقەت قەلەم تەۋرەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇزۇن يىللىق تۈرمىلەرگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پەرھات تۇرسۇننىڭ رومانىنى تەرجىمە قىلدىم. ئۇ 2018-يىلى قولغا ئېلىنغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەن يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى بىلىمەن، ئۇلار سەنئەتكارلار، سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ۋە قولغا ئېلىندى. بۇ خىل ئەھۋال بەك كۆپ. كۆپ كىشىلەرنىڭ سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن. خىزمەت ئورنىدىن چىقارتىلغان» .

دوكتور دىلمۇرات ماخمۇت ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەتى ۋە ئەدىبلەر، يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئەدىبلەر، يازغۇچى-شائىر، مىللەتسۆيەر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىيلارنىڭ تۈرمە ۋە لارگىرلارغا قامالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە خەتەر ئىچىدىكى ئالىملارنى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى ۋە باشقا مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسىنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىغانلىقى، بۇ زىيالىيلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان مىللەت سۆيەر، ۋەتەنپەرۋەر يازغۇچى-شائىر ۋە تەتقىقاچىلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى يېقىندا ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدە مۇھىم ئۇرۇن ئىگىلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، گوللاندىيە، بېلگىيە، ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.