بالىلار مائارىپى تەتقىقاتچىلىرى بالىلارنى بىر ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى، ئائىلە نەسلىنىڭ داۋامى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياققان ئۈمىد چىرىغى، دەپ قارايدۇ. بالىلار ئۆزلىرى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ، دۇنيانىڭ كېلەچىكى. بالىلار ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن قەسىدە-قوشاقلارنى يېزىش مۇمكىن. قىسقىسى بالىلار تارىخنى داۋاملاشتۇرغۇچىلاردۇر.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئانا تىل مەكتەپلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈمىدىنى ئۆز يۇرتىدىن يىراقتا چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىگە، ئەۋلادلىرىغا باغلىماقتىكەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىشتا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى مىسال قىلىپ ئېيتساق، ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى قانۇنلۇق دەرسخانىلار قۇرۇلغان. ئۇيغۇرچە كىتابلارنى بېسىپ تارقىتالايدىغان قانۇنلۇق نەشرىياتلار ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. خالىسانە تەشكىللەنگەن زىيالىيلار ئۇيغۇر تىلىدا بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس «تۆتقۇلاق» پەسىللىك بالىلار ژۇرنىلى، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» قاتارلىق بالىلار كىتابلىرىنى بېسىپ تارقاتقان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنى ئاساس قىلغان توردا ئۇيغۇر تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئانا تىل مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلار ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا تور گېزىتلىرى ئىشلىگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قۇرۇلغان مېدىيالار ئۇيغۇر تىلىدا مەخسۇس بالىلار پروگراممىلىرى ئىشلەپ تارقاتقان.
2020-يىلى ئاۋغۇستتا ئەۋلاد گۇرۇپپىسى، تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسى ۋە ئايخان مائارىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولۇپ، بۇ مەكتەپ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ زامان-ماكان چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئائىلە ئانا تىل مائارىپىنىڭ سىستېمىلىشىشى ۋە ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر سەھنە ھازىرلىغان.
بالىلار ئۇستازلارنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغان. «ئۇيغـۇر ئانـا تىـل تـور مەكتىپـى» 4-يىللىـق ئەدەبىيـات سـىنىپ ئوقۇغۇچىلىـرى 2021-يىلى 21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دە «ئۇچقۇن» نامىدا بىر تور گېزىتى چىقارغان. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلار دەرستە ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىققان ۋە ئۇنىڭ كېچىك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ئوتتەك ئۆتكەن ھاياتىدىن ئىلھام ئالغان. خۇددى لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش «تام گېزىتى» چىقىرىشنى قارار قىلىشقان. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئون نەچچە ياشلىق گېزىت مەسئۇلى ۋە تەھرىرلىرىنىڭ ئېتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى شـائىرنىڭ دوستلىرى بىلەن قۇرغـان «شەقىي تۈركىستان ياش ئۇچقۇنـلار ئىتتىپاقى» غا ۋارىسلىق قىلىش مەقسىتىدە گېزىتكە «ئۇچقۇن» دەپ ئسىم قويغان.
«ئۇچقۇن» گېزىتى مۇقاۋىسىنى قوشمىغاندا جەمئىي تۆت بەت بولۇپ، تۇنجى سانىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. مۇقاۋىسىغا مەرھۇم شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «ئۇچقۇندىن يانغىن چىقار» دېگەن سۆزى بېسىلغان.
ئۇيغۇرلار تۈركىي قوۋملار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان توپلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ مىڭ يىللاردىن بېرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. ئۇزۇن تارىخ جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن دىنىي كىملىكى بىر-بىرسىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مىللى ۋە دىنىي كىملىكى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارىختىكى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچرىماقتا.
2011-يىلىدىن باشلاپ «ئــەۋلاد گۇرۇپپىسى» نامىدا ئىش باشلىغان «فارابى تەلىم-تەربىيە، مەدەنىيـەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى» ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن دىنىي تەلىم-تەربىيە جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مەزكۇر جەمئىيەت مەسئۇلى ئاتاۋۇللا ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇيغۇر تىلىدا دىنى بىلىملەرنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە «ئەۋلاد نەشرىياتى» سۈرەتلىك، پەسىللىك «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى» نى بېسىپ تارقىتىدىغان بولۇپ، پەيغەمبەرلەر ۋە ساھابىلەر تارىخى، دىنىي شېئىر، دىنىي ھېكايە، تېپىشماق، رەسىم قاتارلىق سەھىپىلىرى بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى مەشھۇر مەسچىتلەر، داڭلىق ئۆلىمالار ۋە قەدىمىي جايلار تونۇشتۇرۇلىدىكەن. بۇ ژۇرنال ئۇيغۇرچە دىنىي ئەسەرلەر ساھەسىدىكى تۇنجى ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى بولــۇپ، بۇ ژۇرنالغا مۇشتەرى بولغان 20دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.
ئانا تىل ئۆگىتىش ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر، دىنىي بىلىملەردىن باشقا تەبىئى پەندە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكتە تەبىئىي پەن بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلىق تور ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ. Uyghurسۆزىگە تەبىئىي پەن (Science)، ئىنژېنېرلىق (Engineering)، تېخنولوگىيە (Technology) ۋە ماتېماتىكا (Math) سۆزلىرىنىڭ باش ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن UyghurSTEM دېگەن نامدىكى فەيسبۇك، يۇتىيۇب قانىلى ئارقىلىق بالىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ماتېماتىكا، كومپيۇتېر پروگرامما بىلىملىرى ھەققىدىكى دەرسلەر قەرەللىك ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىكەن.
ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، خالىسانە ئەجىر قىلىۋاتقانلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۈزلۈكسىز، بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە چەتئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بالىلار ساپ ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، ئىملا قائىدىسى بويىچە توغرا يازالايدىغان بولغان. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېيتىشىچە كۆپىنچە ئەھۋالدا بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىپ بىللە ئوينايدىغان دوستلىرى بولمىغاچقا ئۆگەنگەنلىرىنى تىزلا ئۇنتۇپ قالىدىكەن. شۇڭا ئۇلار بالىلىرىغا يۇتىيۇب قانىلى ئېچىپ بەرگەن ۋە بالىلىرىنى ئۇيغۇرچە شېئىر، ھېكايە ئوقۇپ ۋىدىيو ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرغان. بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىشىپ، مەۋھۇم دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ياشايدىغان بالىلار دۇنياسىنى ياراتقان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، 21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا راۋان، جانلىق تەبرىكلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئىشەنچ، ئۈمىد بېغىشلىغان.