خىتاي مۇلاھىزىچى: خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزگىرىشنى خالىمىسىمۇ، مەجبۇرى ئۆزگىرىشى كېرەك

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيى 7 كۈن داۋام قىلىپ، چارشەنبە كۈنى يېپىلدى. ئۆكتىچىلەر، خىتاي يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرماقتا.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-11-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ خىتاي 18-قۇرۇلتىيىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2012-يىلى 8-نويابىر، بېيجىڭ.
خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ خىتاي 18-قۇرۇلتىيىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2012-يىلى 8-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP


چارشەنبە كۈنى، خىتاي كومپارتىيىسى 18 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى مىڭ نەچچە يۈز كىشىلىك ۋەكىلى 200 نەچچە كىشىلىك كومپارتىيە يېڭى مەركىزى كومىتېتىنى تەشكىللەپ چىققان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇراخۇننىڭ مەركىزى كومىتېت كاندىدات ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى بىردىن - بىر ئۇيغۇر.

يېڭى مەركىزى كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى يىغىن چاقىرىپ، سىياسىي بيۇرو ۋە سىياسىي بيۇرو دائىمىي ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقىدۇ. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يېڭى سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەلدىكى خىتاي تور بەتلىرىدە، سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەتلەر سانى قىسقارتىلىپ، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق 7 كىشىدىن تەشكىل قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەرلەردە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بىلەن شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى جاۋ لېجىنىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزالىقىغا سايلىنىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ مەركىزى تەشكىلات بۆلۈمى مەسئۇللۇقى، جاۋ لېجىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە،، سىياسىي بيۇرونىڭ قايسى شەخسلەردىن تەشكىل تېپىشى، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە قانداق يۆلىنىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىدىن سىگنال بېرىدۇ.

بۇ قېتىمقى كومپارتىيە قۇرۇلتىيى خىتاي ھەر خىل سىياسىي، ئىجتىمائىي رىقابەتكە دۇچ كېلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە ئۆكتىچىلىرىنىڭ دېموكراتىيە چاقىرىقى كۈچەيگەن، ھەر خىل نارازىلىقلار ئەۋج ئالغان بىر دەۋردە چاقىرىلغان ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا بروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاتسون خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۆ ۋېنلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تاشقى دۇنيانىڭ كومپارتىيىگە جۇڭگودا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈمىدى باغلاۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

سۆ ۋېنلى: بۇ قېتىمقى رەھبەرلىك ئالمىشىشنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى، جۇڭگودا كومپارتىيە ئىچىدىكى كۈچلۈك شەخس ھاكىمىيەت سورايدىغان دەۋرنىڭ ئاساسەن ئاخىرلاشقانلىقىدا. ماۋزىدوڭ، دېڭ شاۋپىڭلار ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بولدى. جياڭ زېمىن ئۆزىنى پارتىيە ئىچىدىكى كۈچلۈك شەخس ئورنىدا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ھەممىگە يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ. ھازىرقى سىياسەت گۇرۇھلارنىڭ ھوقۇق تالىشىش سىياسىتى. يەنى بۇ پارتىيە ئىچىدىكى ھەر خىل سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئۆز ئارا كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى. بىر كىشىنىڭ بارلىق ئىشلارغا قارار قىلىش دەۋرى ئاخىرلاشتى. بۇنداق ئەھۋالدا جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق كىشىلەر خالىمىسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئىچىدە ئۆز - ئارا رىقابەتلىشىدىغان بىرخىل ۋەزىيەت مەيدانغا كېلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. رىقابەت بەزى دېموكراتىك ئامىللارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ئېلېمېنتىنى بىخلاندۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى پۈتۈنلەي ھاكىم مۇتلەقلىشىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. دۇنيا كومپارتىيىگە ئوخشاش ئىستىبدات بىر پارتىيىنىڭ پارتىيە ئىچى دېموكراتىيىسىنى يولغا قويۇپ، ئۆزگىرىش ياساش ئېھتىمالغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇلتايغا دىققەت قىلىشىدىكى چىقىش نۇقتىسىدۇر.

خىتايدا كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمى ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ئالمىشىپ كەلدى. لېكىن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى خۇ جىنتاۋ پارتىيە باش سېكرېتارلىقىنى شى جىنپىڭغا تاپشۇرۇپ بەرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەربىي ھوقۇقنى شى جىنپىڭغا دەرھال تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ۋە ياكى جياڭ زېمىنغا ئوخشاش ھەربىي ھوقۇقنى يەنە ئىككى يىل تۇتۇپ تۇرۇش - تۇرماسلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇ پەيشەنبە كۈنى سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا ئايدىڭلىشىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى مەسىلە يېڭى ئەۋلاد كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزگىرىش قىلىش - قىلماسلىقى ئەمەس، بەلكى قايسى يۆلىنىشكە قاراپ، قانچىلىك ئۆزگىرىش قىلىش مەسىلىسىدۇر.

لېكىن شۆ ۋېنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش - بارماسلىقىغا ھازىر كېسىپ بىر نېمە دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قانداق ئىش روياپقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئادەم بەزى نەرسىلەرنى كۈتىدۇ. بېزىلەر «ئۇلاردىن ھېچقانداق نەرسىنى كۈتۈشكە بولمايدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق ئادەملەر» دەپ قارايدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆزىدە كىشىلەرنىڭ ئۇلاردىن بىر نەرسىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئاخىرقى نەتىجىنى كۆرمەي تۇرۇپ، سىز بىر نەرسىگە كېسىپ ھۆكۈم قىلالمايسىز. شۇڭا كومپارتىيە ئۆزىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ ئۆزگەرتىش ياسىسا، كىشىلەر بۇنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈشكە قىزىقىدۇ.

سۆ ۋېنلىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا دىققەت قىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، خىتاينىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئۇ: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى كومپارتىيە تەشۋىق قىلغاندەك ياكى بىر قىسىم ئامما سۈرەتلەپ كۆرسەتكەندەك ئالاھىدە ياخشى بولمىسىمۇ، يەنى دۇنيا ئىقتىسادى ئىزچىل ناچارلىشىپ، پەقەت جۇڭگونىڭلا ئىقتىسادى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ قارشى بولسىمۇ، بىراق يوشۇرۇن خەۋپنىڭ قانچىلىك زورلۇقى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئايان. دۇنيادا ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىۋاتقان يالغۇز جۇڭگولا ئەمەس. برازىلىيە، ھىندىستان ۋە روسىيە ئىقتىسادى باش كۆتۈرۈۋاتقان دۆلەتلەر. شۇڭا كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى جۇڭگو بىردىن - بىر دۆلەت ئەمەس. ئەكسىچە جۇڭگونىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىنتايىن قالايمىقان. پارىخورلۇق، چېرىكلىك ناھايىتى ئېغىر. خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى كۈچلۈك، ھەر كۈنى بەچچە مىڭ كىشىلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا كېلىۋاتقان تاشقى بېسىمنى تويۇپ تۇرساقمۇ، ئىچكى بېسىمنىڭ ئۆزى ناھايىتى ئېغىر. بۇ ئەھۋالدا رەھبەرلىك ئالمىشىشى جۇڭگوغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ مېنىڭچە خەلق ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ. بۇنى مەيلى كۆزىتىش دەيلى ياكى بىر خىل ئۈمىد دەيلى، ئىش قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى نورمال. چۈنكى جۇڭگو دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىساد. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالامدۇ، ياكى زور كۆلەملىك سىياسىي ئىچكى مالىمانچىلىققا پېتىپ قالامدۇ؟ ئەلۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، يېقىندا ئامېرىكا«ۋول سترىت سترىت سترىت ژۇرنال گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي رەھبەرلىرىنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشكە چاقىرغان. ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە دېموكراتىك بىر ئەلدە ياشاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بىراق شۆ ۋېنلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كومپارتىيىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈمىدىنى بىر شەخسكە باغلاشقا بولمايدۇ. ئۇ، ئۆزگۈرىش - ئۆزگەرمەسلىكنى قارار قىلىش ھوقۇقى كومپارتىيىنىڭ بېشىدىكى بىر شەخسكە باغلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

شۆ ۋېنلى مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭچە بىز ئۈمىدىمىزنى يېڭى چىققان رەھبەرگە ياكى كونا رەھبەرگە باغلاپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە كومپارتىيىنىڭ ئۆزگۈرىش - ئۆزگەرمەسلىكىنى بىر رەھبەر قارار قىلالمايدۇ. ئەڭ كۈچلۈك، دەپ قارالغان ماۋزىدوڭ ئەينى يىللاردا ئامېرىكىغا شۇنچىلىك قارشى ئىدى. لېكىن ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا ئالدى بىلەن قول ئۇزىتىپ، ئۇنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئېغزىغا كوممۇنىزم غايىسىنى تەشەببۇس قىلىپ، خۇسۇسى مۈلۈكچىلىككە قارشى تۇرسىمۇ، بىراق ئۇلار ھازىر مەنپەئەت گۇرۇھىنىڭ كونتروللۇقىدىكى سىياسىي پارتىيىگە ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا كومپارتىيىنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە ئەمەس، ئۇنىڭ نېمە قىلغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك.

لېكىن ئۇ يەنە، ئۆزگىرىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى، كومپارتىيىنىڭ ئۆزگىرىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: نۆۋەتتە كومپارتىيە ئىچكى - تاشقى بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىچكى قىسىمدىكى ئىككى خىل بېسىمنىڭ سالمىقى ناھايىتى ئېغىر. بۇنىڭ بىرى، پارتىيە ئىچىدىكى پارىخورلۇق ۋە چېرىكلىك. يەنە بىرى، ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ زورىيىشى. خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا. ئىچكى مۇقىملىق سېلىنمىسى ھەربىي سېلىنمىدىن ئېشىپ كېتىشتەك بۇ ئەھۋالنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزگىرىشنى خالىمىسىمۇ، مەجبۇرى ئۆزگىرىشى كېرەك.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت