بۇلاردىن بىرى تۈركىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدۇر. بۇلار 2008 - يىلى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا تۈركىيىدە ئىنتايىن مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئالدى.
بۇ پائالىيەتلەردىن مۇھىملىرى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئىستانبۇل سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدا ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا مەمەت تۇرسۇن ئىسىملىق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشى ئىدى. بۇ پائالىيەتلەرگە پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا يەر بېرىلدى.
بۇلاردىن باشقا 2008 - يىلى ئىچىدە د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈرك رەھبەرلىرىگە ۋە تۈرك سىياسەتچىلىرىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچراشتى، ئۇلارغا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتى.
بۇلاردىن باشقا 2008 - يىلى ئىچىدە د ئۇ ق نىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىگە ھەيئەت ئەۋەتىپ، يىغىنلار چاقىرىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا 100 قېتىمدىن كۆپرەك يەر ئېلىشىغا سەۋەب بولدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈركنىڭ دېيىشىچە، 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيىنىڭ داۋاملىق كۈنتەرتىپىگە كېلىشىگە سەۋەب بولغان.
2008 - يىلى تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.