2009 - يىل ئاخىرلىشىپ، 2010 - يىل يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ سىياسىي جۇغراپىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋە يۈز بەرگۈسى خەۋپلەرنى تەتقىق قىلىدىغان باش ئورگىنى نيۇيوركتىكى ياۋرو - ئاسىيا گۇرۇپپىسى، 2010 - يىل ھەققىدە مۆلچەر ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
بۇ مۆلچەردە، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى، ئىراندىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق، ياۋروپادىكى مالىيە توقۇنۇشى، ئامېرىكىنىڭ مالىيە تۈزۈمى، ياپونىيىدە ھوقۇق تۇتىۋاتقان پارتىيە يۈزلەنگۈسى مەسىلە، برازىلىيىدە كېلىپ چىققۇسى مەسىلە، ھىندىستان - پاكىستان توقۇنۇشى، شەرقى ياۋروپا ۋە تۈركىيە يۈزلىنىۋاتقان مەسىلە قاتارلىق 10 چوڭ مەسىلىگە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى مەزكەزلىشىدىغانلىقى سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئۇنىڭدا "2010 - يىلىدىكى دۇنيانىڭ سىياسىي جۇغراپىيىسىدىكى 10 چوڭ خەۋپ" دەپ ئاتالغان ئىدى.
10 چوڭ خەۋپنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ئەڭ سەزگۈر تۈگۈن
باش ئورگىنى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا مەسلىھەت مۇلازىمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چارلىس بلۇم ئامېرىكا ئاۋازنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ‘نيۇيوركتىكى ياۋرو - ئاسىيا گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان 2010 - يىلىدا دۇنيادا كىشىلەرنىڭ دىققىتى مەزكەزلەشكۈسى 10 چوڭ خەۋپنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ئەڭ سەزگۈر تۈگۈن’، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىدىكى 10 پىرسەنت ( ئىشسىزلىق نىسبىتى) بىلەن خىتايدىكى 10 پىرسەنت (ئىقتىسادنىڭ ئۆرلىشى)نى قوشۇپ تەڭپۇڭلاشقان 20 پىرسەنت قىلىش مۇمكىن ئەمەس
باش ئورگىنى نيۇيوركتىكى ياۋرو - ئاسىيا گۇرۇپپىسى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان مۆلچەرىدە، "2010 - يىلىدا، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى خەۋپ، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى 10 پىرسەنت (ئىشسىزلىق نىسبىتى) بىلەن خىتايدىكى 10 پىرسەنت (ئىقتىسادنىڭ ئۆرلىشى) نى قوشۇپ تەڭپۇڭلاشقان 20 پىرسەنت قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكى (چۈنكى ھەر ئىككىسى نورمال ئەمەس، ئىككى نورمالسىزلىقتىن نورماللىق ھاسىل بولمايدىغانلىقى) دىن كېلىپ چىقىدۇ؛ ئەگەر بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇشقا باشلىسا، بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي خەۋپ سىياسىي جۇغراپىيە جەھەتتىكى خەۋپكە ئايلىنىدۇ؛ بۇ جەرياندا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى، ئەركىن بازار ئىگىلىكىدىكى كاپىتالىزم بىلەن دۆلەت كاپىتالىزىمى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار كەسكىنلىشىدۇ"، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
بۇ مۆلچەردە يەنە، "گەرچە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە، ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنى خاپا قىلىدىغان ئىشنى قىلماسلىققا ۋەدىلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىجتىمايى تۈزۈم، بۇ ئىككى شەخسنىڭ ۋەدىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايدۇ؛ گەرچە ھازىر خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىغا بۇرۇنقىدەك قىزىقمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىر ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا ھېچ ئامالى يوق؛ گەرچە خىتاي ھازىر ئامېرىكا ماللىرىغا بولغان ئېھتىياجنى تەشكىللەشكە ئالدىرىمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكىسپورت كۆرسەتكۈچىنى ساقلاپ قالماسلىققا ھېچ ئامالى يوق؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر خىتاي 2010 - يىلىدا پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتىنى ۋە پۈتۈن خەلق ئىگىلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىۋەرسە، ئامېرىكا بىلەن بولغان سۈركۈلۈشتىن ھەرگىز خالى بولامايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قايتۇرىۋاتقان ئىنكاسى تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇش كېلىپ چىقىشنىڭ مەنبەسى
2010 - يىلىدا دۇنيادا كىشىلەرنىڭ دىققىتى مەزكەزلەشكۈسى 10 چوڭ خەۋپنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ سەزگۈر تۈگۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن باش ئورگىنى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا مەسلىھەت مۇلازىمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چارلىس بلۇمنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي 2010 - يىلىدا يەنىلا سودىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان مودېل قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا ئىقتىسادىنى تەڭشەش نىشانىغا مۇخالىپ ئىش قىلىۋەرسە، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ.
باش ئورگىنى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا مەسلىھەت مۇلازىمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ قارىشىچە يەنە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى، ئېنېرگىيە مەسىلىسى، بولۇپمۇ مۇھىم رايون خاراكتېرلىق مەسىلە گەرچە خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەردە ئامېرىكىغا قايتۇرىۋاتقان ئىنكاسى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇش كېلىپ چىقىشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كونتروللۇقنى يوقىتىدىغان دەرىجىگە يېتىشى مۇمكىن.
خەلق ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان تەنقىتلەر ھازىر بىۋاستە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە تاقىلىۋاتىدۇ
ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى مېلىسا مۇرفىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدا باشلانغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا، تېخىچە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىتىلمەيۋاتقانلىقى ئۈستىدە خەلق ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان تەنقىدلەر، بىۋاستە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە تاقىلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇنازىرىلەردىمۇ، تەنقىدنىڭ تىغ ئۇچى، كۆپىنچە ھالدا خىتايغا قارىتىلىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىۋاتقان ماللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدە يەنە مەسىلە چىقسا، ئەمدى ئامېرىكا خەلقى ئىچىدە 'خىتايدا ئىشلەندى' دېگەن ماركىلىق ماللار توغرىسىدا ناھايىتى جىددىي قارشىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، ئامېرىكىدا ھازىر باشلانغان 2010 - يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە كۆپ ئېتىۋار بېرىلمىگەن 2008 - يىللىق سايلامغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ سايلام ئەھلى ھازىر خىتاي تارقىتىۋاتقان ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارغا ئىشەنمەيدۇ، بەلكى ئۇنى تەتۈر چۈشىنىدۇ.