23 ‏ - مارت قاراقاش نامايىشى ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇماتلار

ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى 28 ‏ - ماي سانىدا، ئۇيغۇر رايونلۇق خىتاي سوتىنىڭ 14 نەپەر ئۇيغۇر مەھكۇم ئۈستىدىن سوت ئاچقانلىقىنى؛ مەھكۇملارنىڭ 23 ‏ - مارت قاراقاش ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن نامايىشقا قېتىلغانلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. قاراقاشتىكى نامايىش، خوتەن ئاياللار نامايىشى بىلەن ئوخشاش كۈن، ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسى، 23 ‏ - مارت ئاياللار نامايىشى ھەققىدە ئاشكارا بايانات بەرگەن بولسىمۇ، قاراقاش نامايىشىنى يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ۋاشىنگىتون پوچتىسىدا بىلدۈرۈلىشىچە، قاراقاشتىكى نامايىشقا قېتىلغانلارنىڭ سوتلانغانلىق خەۋىرىنى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىگە بىر خىتاي ساقچىسى ئاشكارىلاپ قويغان. ئاخباراتچىلار، خوتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، قاراقاش نامايىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.

بىز ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا قاراقاشتىكى بىر ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ساقچى تەرەپ 23 ‏ - مارت كۈنى خوتەن شەھىرىدە ئاياللار نامايىش بولغان كۈنى قاراقاشتىمۇ ۋەقە چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما ۋەقەنى كىچىكلىتىپ كۆرسەتكەن يەنى نامايىشقا توپلانغان كىشىلەرنىڭ تەربىيە بېرىپ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ۋاشىنگىتون پوچتىسىدىكى خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، شۇ كۈنى 500 كىشىلىك بىر نامايىش يۈز بەرگەن، ساقچى تەرەپ بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان؛ توقۇنۇشتا 10 كىشى يارىدار بولغان. بۇ مەلۇماتلار ئالدىنقى ئايدا بىزگە بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز يوللىغان ئىمزاسىز ئىنكاستا بىلدۈرۈلگەن مەلۇماتلار بىلەن ئوخشاش.

ساقچى تەرەپ ئەينى چاغدا قولغا ئېلىنغان ۋە تۇتۇلغانلار يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، قاراقاشتىكى نامايىشتا 27 كىشى قولغا ئېلىنغان، بۇلار 20 ۋە 30 ياش ئارىسىدا، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 نەپىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. بىز بۇ 3 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قاراقاش ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. مائارىپ ئىدارىسى 23 ‏ - مارت ۋەقەسىگە ئوقۇغۇچىلار قېتىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئەمما ناھىيىلىك 1 ‏ - ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلار ۋەقەنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇ 3 ئوقۇغۇچىنىڭ 1 ‏ - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 23 ‏ - مارت نامايىشىدىن كېيىن ئۇلار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، جەمئىيەت ئامانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئاتىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتكەن.

23 ‏ - مارت ئاياللار نامايىشىدا ئاياللارنىڭ رومال ئارتىشنى چەكلەشكە قارشى تۇرۇش ئاساسلىق شۇئار بولغان ئىدى، قاراقاشتىكى نامايىشتا بولسا؛ دىنىي تەلىم - تەربىيە سورۇنلىرىنى چەكلەشكە قارشى تۇرۇش ئاساسلىق شۇئار بولغان.