بىشكەكتە 29 ‏- ماي غۇلجا ۋەقەسى خاتىرىلەندى

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 1962 - يىلى 29 - ماي كۈنى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

0:00 / 0:00

ۋەقەنى ئوز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر ھەم ئۇنى ئاڭلىغانلار غۇلجىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ جەريانلىرىنى جۈملىدىن خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قولىدا تومۇرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.