'5 - ئىيۇل' تۇتقۇنلىرى ئىچىدە ھەتتا 13 ياشلىق ئۆسمۈرلەرمۇ بار

يېقىندا بىر 'ئىختىيارى مۇخبىر' ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى يوشۇرۇن ھالدا زىيارەت قىلغان. ئۇ زىيارىتى داۋامىدا ئاساسلىقى "5 ‏- ئىيۇل" تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋىئاباتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەت ئۈرۈمچدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئىشىك ئالدى ۋە شۇ ئەتراپتا ئېلىپ بېرىلغان.

0:00 / 0:00

كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كۈنى يۈزلەرچە كىشى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنڭ ئالدىدا توپلىشىپ تۇرۇپ كىرىپ - چىققۇچىلاردىن ئۆز پەرزەنتلىرى ياكى قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىللىمەكتە.

5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە 5 ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، بەزى ئائىلىلەر ھازىرغىچە تۇتقۇنلارنىڭ ئىز - دېرىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغان. ئاشكارىلىنىشىچە، 5 ‏- ئىيۇل تۇتقۇنلىرى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى باشقا تۇتقۇنلارغا نىسبەتەن پەرقلىق، يەنى تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەن.

بىر خانىمنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر 5 ‏- ئىيۇل تۇتقۇنلىرى باشقا تۇتقۇنلارغا نىسبەتەن يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق شەرت - شارائىت مەسىلىسىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

بۇ قېتىمقى تۇتقۇندا بەزى ئائىلىلەردە ئاكا - ئۇكا، دادا - بالا تۇتقۇن قىلىنغان ھەتتا بەزىلەر ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان.

ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار ئىچىدە دىققەتكە سازاۋىرى تۇتقۇنلارنىڭ ياش مەسىلىسىدۇر.

'ئىختىيارى مۇخبىر' جەمئىي 4 كىشىنى زىيارەت قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 كىشى تۇتۇلۇپ كەتكەن بالىلىرىنىڭ 15 ياشلىق ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ سۆھبەتتىكى ئاۋازلاردىن، بىر كىشىنىڭ بالىسىنىڭ تېخى 13 ياشلىق ئۆسمۈر ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. شۇنداقلا، مانا بۇ مەلۇماتلاردىن، 5 ‏- ئىيۇل تۇتقۇنلىرى ئارىسىدا 15 ياش ئەتراپىدىكى ۋە 15 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى تۇتقۇنلار سانىنىڭ ئاز ئەمەسلىكى ئاشكارىلانماقتا.

خىتاي، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنى قانۇنغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاينىڭ 5 ‏- ئىيۇلدىن كېيىنكى تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قانۇنغا ئاساسەن ئەمەس ھۆججەتكە ئاساسەن يەنى سىياسىي بۇيرۇق بويىچە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.