ب د ت خىتاينى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.08.31
2009.08.31
www.un.org/durbanreview2009 ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
يىغىندا خىتاي ۋەكىلى خىتاينىڭ ئىرقىي خاتىرىسىنى ئاقلىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولسا خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. ب د ت ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتايغا بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى.
ب د ت نىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىش خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقىپ، ئالدىنقى كۈنى خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلدى. خۇلاسە دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرىغا خىتايدا ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە دائىر بەزى تەكلىپ پىكىرلەر بېرىلگەن بولۇپ، دائىرىلەرنى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق چېگرا رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان.
خۇلاسە دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى چېگرا رايونلاردا مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ناھايىتى جىددى ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە چوقۇم سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىشنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىشنى تەلەپ قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىغا خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار نامىدا قاتنىشىپ، خىتاي ئىرقىي كەمسىتىش خاتىرىسىنى تەنقىدلىگەن ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر مىللىي ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. دولقۇن ئەيسا ب د ت نىڭ خۇلاسە دوكلاتىدىكى خىتايغا بەرگەن تەكلىپ پىكىرلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، لېكىن يېتەرلىك، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت نىڭ "خۇلاسە خاراكتېرلىك تەكلىپ پىكىرى" دە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، 2008 - يىلى 3 - ئايدىكى لخاسا ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلار بىلەن بۇ يىل 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارغا ئىنسانى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جازالىنىدىغانلارنى خەلقئارا ئەھدىنامىلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئادىلانە سوتلاش مەسىلىسىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار ۋە رەسمى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەقىقى سانى توغرىسىدا زىددىيەتلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن. دائىرىلەر ۋەقەدە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدىكى 718 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، "خەلق گېزىتى" بۇلار ئىچىدىكى ئاز دېگەندە 200 كىشىنىڭ پات يېقىندا سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى بولسا 200 كىشىنىڭ پات يېقىندا سوتلىنىدىغانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زىممىسىدىكى ئەڭ جىددى مەسىلە 5 - ئىيۇلدىكى ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ب د ت يەنە خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى قانۇن ماقۇللاپ، ب د ت نىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىسىنىڭ روھىنى قوبۇل قىلىش، ئادەملەرنى ئىرقىي، تېرىسىنىڭ رەڭگى، ئۇرۇغى، مىللىتى ۋە قىياپىتىگە قاراپ كەمسىتىشنى قەتئىي چەكلەش، كىشىلەرنى ئەركىنلىك ۋە تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن تەڭ بەھرىمان قىلىش، نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئاز سانلىقلارنىڭ خىزمەت، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، سەھىيە ۋە مائارىپ پاراۋانلىقىغا ئوخشاش كاپالەتلىك قىلىش، ئەدلىيە ھوقۇقىنى خەلقئارا ئۆلچەمگە ئاساسەن ئىشلىتىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ۋە مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇشنى چەكلەش، ئاز سانلىقلارغا بەلگىلەنگەن قانۇن - تۈزۈملەرنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك قاتارلىقلار تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن.
شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرى، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق دىپلوماتى ئەنۋەر راخمان ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىشىنىڭ مەنبەئەسى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىدىكى ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ھوقۇقنى ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقىدا، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئۆزىنىڭ "خۇلاسە خاراكتېرلىك تەكلىپ پىكىرى"دە يەنە خىتايدا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى قانۇنى داۋا - دەستۇر ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى داۋا دەستۇرلارنى سوراش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى داۋا - دەستۇرنىڭ خىتايدا ناھايىتى ئاز يۈز بېرىشىدىكى سەۋەبكە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇنىڭغا "داۋاگەرلەرگە ياردەم قىلىدىغان ئۈنۈملۈك يولنىڭ يوقلىقى سەۋەب بولىۋاتامدۇ ؟ ياكى داۋاگەرلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى چۈشەنمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆچ ئېلىشتىن قورقىۋاتقانلىقى ۋە ياكى ساقچىلارغا، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئىشەنمەسلىكى شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە سەزگۈرلۈكىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەب بولىۋاتامدۇ ؟ " دەپ تەكىتلىگەن.
دولقۇن ئەيسا بولسا 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقى جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن ساھەلەردە ئىرقىي ۋە مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت تەكلىپ پىكرىدە خىتايغا بەزى مەسىلىلەردە ئىجابىي باھا بېرىپ، خىتاينىڭ "كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى"نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.