ۋاشىنگتوندىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.05.22
2009.05.22

UAA Photo
يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ناچارلاپ كېتىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ پىلانلىق ھالدا يۆتكەۋاتقان خىتاي ئاققۇن نوپۇسىغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆلۈپ كېتىش ئىېھتىمالىنىڭمۇ بارلىقىنى ئەمما ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇردىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
رابىيە خانىم قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل باستۇرۇش ۋە ئىرقىي تازىلاش ھەرىكەتلىرىدىن مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆسۆزىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭ سىنىپلىرى نامى ئاستىدا ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، توي قىلىش يېشىغا يەتكەن قىزلارنىڭ ئىش بېرىش باھانىسى بىلەن مەجبۇرىي ھالدا ئىچكىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ سىرتىدا ئۇ يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا مەكتەپلەردە مۇئەللىملەرنى خىتايچە دەرس بېرەلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئىشتىن بوشۇتىۋاتقانلىقىنى دېدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ ئىچكىرىدىن چىققانلارغا مەدىكار بولۇپ ئىشلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي دېگەن قارىلاشلارغا ئىشەنمەسلىكىنى ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئۆزلىرى بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى كارا ئابرامسون خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ بېشىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كيېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيتى ئۈستىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: " ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۈندىن - كۈنگە ناچارلاشماقتا. 2008 - يىلىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىدىن كۆرۈلگىنىدەك تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ئوخشاش داۋام قىلماقتا. خىتاي دۆلىتى پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى بۇزۇشقا تىرىشماقتا. ئۇلار ئولىمپىك جەريانىدا بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قولغان ئالغان، كىشىلەرنىڭ ئەركىن سۆزلەش ھوقۇقىنى بوغقان. بۇ خىل ئەھۋاللار خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتكەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە تېخىمۇ ئېشىپ بارماقتا."
رابىيە قادىر خانىم خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ھەرخىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. بۇنىڭ مەقسىتى ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنى ۋە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارنى يوق قىلىش. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئادالەتنى ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار يەنىلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كونترولى ئاستىدا بولۇپ، بۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلارغا ئايلنىپ قالغان. ئوقۇغۇچىلار بولسا قاتتىق كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنىۋاتقان بولۇپ ئۇلارنىڭ تەتىل مەزگىللىرىدە بۆلگۈنچى پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۈستىدىن قاتتىق كونترول ۋە بېسىم يۈرگۈزۈلمەكتە. دىنى پائالىيەتلەر قاتتتىق كونترول قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي تىلى ئۆگىنىشنى ۋە ئىشلىتىشنى مەجبۇرىي تاڭماقتا. ئۇيغۇر دىيارىدا ئىدارە - ئورگانلاردا ئىشلەيدىغانلار ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشۋاتقانلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئاساسەن خىتايلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز."
كېيىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسلىھەتچىسى ستەيسي سۇللىۋېن خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ بېشىدا گۈەنتانامو تۈرمىسى ۋە 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ تۈرمىگە ئېلىنىپ قېلىش جەريانىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: " 22 نەپەر ئۇيغۇر گۈەنتانامو تۇرمىسىگە ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ گۇناھسىز بولغانلىقى ئىسپاتلاندى. گەرچە ئۇلارنى خىتاي ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىدى. دەسلەپكى قەدەمدە ئامېرىكا گەرچە 5 ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىدىغان دۆلەتلەرنى ئىزدېگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالمىدى. بەزىلىرى ئۇلارنىڭ گۈەنتانامودىن چىققانلىقىدىن قورقسا،يەنە بەزى دۆلەتلەر خىتاينى خاپا قىلىپ قويۇشتىن قورقتى. ئاخىرىدا ئالبانىيە ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدى ۋە بۇ ئۇيغۇرلار ئالبانىيىگە ئەۋەتىلدى. گەرچە ئامېرىكا قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى يەرلەشتۈرىدىغان دۆلەت ئىزدەۋاتقان بولسىمۇ، تېخى ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن بىر نەتىجە چىققىنى يوق."
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلارنى چوقۇم ئامېرىكىنىڭ ئېلىشى كېرەكلىكىنى بۇنداق بولغاندىلا گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: " ئوباما ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئىنتايىن تېزلىك بىلەن گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياۋرۇپا دۆلەتلىرىمۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامونى تاقاش خىزمىتىگە ياردەملىشىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلاردىن بەزىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى دېدى. ئۇلار ئامېرىكا بۇ كىشىلەرنى خەتەرلىك ئەمەس دېگەن ئىكەن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بىزمۇ قوبۇل قىلالايمىز، دېيىشمەكتە. بىزمۇ ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش نەرسىنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمىز. ئامېرىكا ئالدى بىلەن ئۆزلىرى بۇ ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچىنى قوبۇل قىلغاندىلا، ئاندىن باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ئۇلارنى قوبۇل قىلىش توغرىلىق بېسىم ئىشلىتەلەيدۇ. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر گۈەنتانامونى تاقاشنى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى قويۇپ بېرىشنى ياقىلايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ قويۇپ بېرىلىدىغانلارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلار كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلار گۇناھسىز. بىزنىڭ ھازىر قىلىدىغىنىمىز دۆلەتلەر ۋە كىشىلەرنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى قىلىش، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش. بۇ ئىنتايىن مۇھىم ۋە جىددىي بىر مەسىلە. ئەگەر بىز گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقايمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشىمىز كېرەك."