ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىكى خىتاي جاسۇسى

كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان تودد ھوففماننىڭ "ئىچكى قىسىمدىكى جاسۇس - لاررىي چىن ۋە خىتاي جاسۇسىنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىغا سىڭىپ كىرىشى" ناملىق كىتابى سېنتەبىر ئېيىدا نەشر قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2008.11.14
Xitay-jasusliri-CIAda-305.jpg ﺗﻮﺩﺩ ﻫﻮﻓﻔﻤﺎﻧﻨﯩﯔ "ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﺳﯘﺱ - ﻻﺭﺭﯨﻲ ﭼﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺟﺎﺳﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
astore.amazon.com

بۇ كىتابتا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىغا 30 نەچچە يىل يوشۇرۇنغان بىر نەپەر خىتاي جاسۇسىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى، كەچۈرمىشلىرى ۋە پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان.

بۇ كىتاب كانادا ۋە ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇققا قارشى ئورگانلار تەرىپىدىن ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەر چىن ۋە يۇقىرى ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن نادىر ئەسەر دەپ تەرىپلەندى ۋە خىتاي جاسۇسلىرى مەسىلىسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن جىددى مەسىلە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كانادادا چىقىدىغان "يەرشارى پوچتىسى" ۋە "تھې گازېتتە" گېزىتلىرى بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلدى. "يەرشارى پوچتىسى گېزىتى "نىڭ ئەسكەرتىشىچە،بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى تودد ھوففمان كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى بۆلۈمىدە 8 يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ،ئۇ خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنى ۋە جاسۇسلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدىغان مۇتەخەسسىس. ئۇ بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىكى خادىملار ۋە خىتاي جاسۇسلىرى دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ئالاھىدە خادىملارنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، مول ماتېرىيالغا ئىگە بولغان.

ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرى قاتارلىق مۇھىم شەخىسلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇلاھىزىلەردە ئەسكەرتىلىشىچە،كانادا بىخەتەرلىك ئورگىنىدىكى نوپۇزلۇق شەخىسلەر، تودد ھوففماننىڭ بۇ ئەسىرىگە جاسۇسلار دۇنياسىدىكى ئاشكارىلانمىغان سىرلارنى ئاشكارىلىدى، جاسۇسلارنىڭ قانداق ماھارەتلەر بىلەن ئۆزلىرىنى يوشۇرىدىغانلىقى، جاسۇسلار ۋە جاسۇسلۇققا قارشى ئورگان ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىشلارنىڭ ھەقىقىي ئىچكى يۈزىنى يورۇتۇپ بەردى، دەپ باھالىغان.

بۇ مۇلاھىزىلەردە يەنە، كانادانىڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكىسى ۋە ئىقتىسادى سىرلىرىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىشى ۋە خىتاي جاسۇسلىرىدىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش مەسىلىسىدە بۇ كىتابنىڭ كانادا قانۇن ئورگانلىرى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، كانادادا بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بولۇپمۇ، كانادانىڭ نازۇك ئورۇنلىرىغا كۆپلەپ ئورۇنلىشىۋاتقان خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كانادا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بەلگىلىك مۇددەتتە پارتلايدىغان بومبا ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

كىتابنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق: ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ئورگىنىغا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر نەپەر چەتئەللىك جاسۇسنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىدىن گۇمان قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك جاسۇسى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە سىڭىپ كىرگەندىن كېيىنلا ئاندىن، ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىغا يوشۇرۇنغان بۇ جاسۇسنىڭ لاررىي چىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىل خىتاي كوممۇنىستلىرىغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

كىتابتا، لاررىي چىننىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىغا سىڭىپ كىرىش جەريانى نۇقتىلىق بايان قىلىنىدۇ. لاررىي چىن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆھپە قوشۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شاڭخەيدىكى بىر نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ئۇنى ئامېرىكىنىڭ شاڭخەيدىكى باش كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۇ بۇ كۆرسەتمىلەر بۇيىچە، 1948 - يىلى ئامېرىكىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىدا تەكلىپ قىلىنغان خىزمەتچى سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ دەسلەپتە كونسۇلخانىدا ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئاستا - ئاستا يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. ئۇ ئاخىر ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كېلىدۇ شۇنداقلا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ئەڭ ئاخىرى بېرىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىققا كۆتۈرۈلۈپ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك خىتاي تىلى مۇتەخەسسىسى بولۇپ قالىدۇ. كېيىنكى 33 يىلدا لاررىي چىن قەتئىي مەخپىي دېيىلگەن ئاخباراتلارنى يەنى، كورىيە ئۇرۇشى، ۋېيتنام ئۇرۇشى ۋە نىكسوننىڭ خىتاي زىيارىتى قاتارلىق خىتاي ‏ - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار ئىنتايىن مۇھىم ئاخباراتلارنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە داۋاملىق يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئاخباراتلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ‏ - خىتاي توقۇنۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىرىدە خىتاي دائىرىلىرى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇۋالىدۇ، ئامېرىكا بولسا پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، لاررىي چىن 1981 - يىلى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىن پېنسىيىگە چىققىچە بولغان 30 نەچچە يىلدا كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلىنىدۇ ۋە ئوردىنلارغا ئېرىشىدۇ.

ئەمما 1982 - يىلى 10 - ئايدا ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەپەر جاسۇسىنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك ساھەسىگە يۇشۇرۇنغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئەمما مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى شۇنچە قاتتىق تەكشۈرگەن بىلەنمۇ، بۇ جاسۇسنىڭ كىملىكى، ئۇنىڭ قايسى ئورگاندا ئىكەنلىكى ۋە قانچىلىك ۋاقىت خىزمەت قىلغانلىقى شۇنداقلا قانداق ئاخباراتلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. كېيىن ئۇلار خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن، بۇ جاسۇسنىڭ لاررىي چىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

لاررىي چىن خوڭكوڭ، ماكاۋ، تورونتو ۋە ۋانكۇۋېر قاتارلىق شەھەرلەردە خىتاي جاسۇسلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئاخباراتلارنى يەتكۈزىدۇ. كانادا "يەرشارى پوچتىسى گېزىتى " تودد ھوففماننىڭ بۇ ئەسىرىنى ھولىيۋودنىڭ كىنو رېجىسسورلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى ۋە تەييار سەھنە ئەسىرى دەپ ماختىدى.

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىكى جاسۇسلۇققا قارشى مۇتەخەسسىسلەر بولسا، بۇ كىتاب خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى يۈزىنى ئاشكارىلىدى.ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى خادىملىرى ئىنتايىن ياخشى دەرسلىككە ئىگە بولدى شۇنداقلا بۇ كىتاب خىتاي جاسۇسلىرى مەسىلىسىدە ئامېرىكا جامائىتىنى ئاگاھلاندۇردى دەپ باھا بەردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بولسا، بۇ كىتابنىڭ غەرب دۇنياسىدا شۆھرەت قازىنىشىنى غەرب دۆلەتلىرىدىكى خىتاي تەھدىتى سادالىرى بىلەن باغلاشقا تىرىشماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.