ئىلھام توختى "ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ" ناملىق تەكلىپ لايىھىسىنى ئېلان قىلدى
2010.11.29

ئۇ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىنىڭ بۇ مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى ھەم بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەلەپ ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلھام توختى ئەپەندى مەزكۇر تەكلىپ لايىھىسى 11-نويابىر كۈنى يېزىلفان بولۇپ، -26نويابىر كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىزغا ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ، بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە سۇنماقچى ئىكەن.
ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە سۇنۇلماقچى بولغان تەلەپنامىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا، تىبەت قاتارلىق رايونلارغا قارىتىلغان "مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدا 2010- 2020- يىلغىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك قارار" نىڭ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تەكلىپنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: "بۇ قارار چىڭخەيدە ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا سەۋەب بولدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولسا، رايوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتتىق نارازى بولۇشىغا قارىماي بۇ سىياسەتنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىغا بىرنەچچە يىل بولدى."
ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ تەلەپنامىدە،" مائارىپ ئىسلاھاتى قارارى" نىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر رايونىدا ئىجرا قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنى ۋە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، شۇڭا مەزكۇر قارارنى ئۇيغۇر ھەم تىبەتلەرنىڭ قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەلەپ نامىدە مۇنداق دېيىلگەن: "ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل سىياسەتنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار دېسەك بولىدۇ. بىز بۇ مەسىلىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز. مىللىي باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆز-ئارا ياردەم ھەم چۈشىنىش ئاساسىدىكى ئىناق بولغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش؛ بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز. چۈنكى مەيلى 'چىڭخەي قارارى ' ۋە ياكى 'شىنجاڭ قارارى ' بولسۇن، ھەر ئىككىسىدىلا خىتاي تىلى ئاساس؛ ئانا تىل قوشۇمچە ئورۇنغا قويۇلغان. بۇ مىللەتلەر مائارىپىدا خىتاي تىلى مائارىپتىكى ئاساسلىق تىل دەپ بەلگىلىنىپ، يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇش بەلگىلەنگەن. بۇ قارارلار ئاتا-ئانىلار ھەم بالىلارنىڭ قوبۇل قىلىشىنى ساقلىمايلا مەجبۇرى ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قارارنى '3 كە ئۇيغۇن ' دەپ تەرىپلەشمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قارار مەركەزنىڭ روھى، دۆلەت قانۇنى ھەم ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەن. ئەمما، بىز مەركەزنىڭ ھۆججىتى، دۆلەت ئۆزى بەلگىلىگەن ئاساسى قانۇن، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر رايونىدىكى تىل مۇھىتى ھەم تارىخى تەجرىبىلىرىمىزدىن قارايدىغان بولساق، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چىقارغان بۇ قارار بۇ رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.»
ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەر يولغا قويۇۋاتقان" قوش تىللىق مائارىپ قارارى"نىڭ ئۇيغۇر ھەم تىبەتلەرنىڭ مىللىي مائارىپىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىقلار ھۆكۈمەتكە يوللىماقچى بولغان تەلەپنامىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى" نامىدىكى خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان "يەككە تىللىق مائارىپ سىياسىتى"نى ئىجرا قىلىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنىپ مۇنداق بايانلار بېرىلگەن: " 'مائارىپ ئىسلاھاتى قارارى' دىكى ئوقۇتۇشتا خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىش، مىللىي خىتاي مەكتەپلىرىنى قوشۇۋېتىش، ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، قانۇنىي جەھەتتە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش بەلگىلەنگەن بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مىللىي ئاپتونومىيىلىك قانۇنى ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى. دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويدى. خىتاي تىلى دەرسلىكىنى يەسلى مائارىپىغا ئومۇملاشتۇرۇش قارارى بۇ مىللەتلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ئانا تىل تەربىيىسىدىن مەھرۇم قالدۇردى. ' مائارىپ ئىسلاھاتى قارارى' دا خىتاي تىلى مائارىپىنى كېڭەيتىش تەشەببۇس قىلىنىشى، ئەمەلىيەتتە چوڭ مىللەتچىلىك نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ، مىللەتلەر باراۋەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ. دۆلەتتە ئورتاق ئىشلىنىدىغان تىلنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بىردىن-بىر تىل دەپ چۈشىنىش،' كۆپ مىللەتلەر ئاساسىدا بىرلىككە كەلگەن جۇمھۇرىيەت' دەپ ئېلان قىلىنغان دۆلەت نامىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس! بۇ قىلمىش دۆلەت ئۆزى بەلگىلىگەن 'كۆپ خىل تىل- يېزىقلار باراۋەر ئىشلىتىلىش كېرەك' دېگەن قانۇنىغىمۇ خىلاپ. شۇڭا بىز ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان' قوش تىللىق مائارىپ' نامىدىكى خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان يەككە تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز. مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 60 كۈن ئىچىدە بىزگە بۇ مەسىلە ھەققىدە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەييارلانغان 'ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ' ناملىق تەلەپنامىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىر رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ سىياسىتى، تىل-يېزىق سىياسىتى ۋە مىللىي سىياسىتىگە قارىتا 6 تۈرلۈك چاقىرىق ھەم 12 ماددىلىق كونكرېت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بۇ ھەقتە ئاڭلىتىش بېرىمىز.