ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.02.18
2010.02.18
AFP Photo
مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستاننىڭ ھېلماند ئۆلكىسى مارجا رايونى تالىبانلار مەركەزلەشكەن ۋە مەۋھۇم ھۆكۈمەت شەكىللەندۈرگەن رايون بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مارجانى تالىبانلار قولىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ، مارجا خەلقى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە ئافغان ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش ئىكەن. بۇ ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە قوشۇننىڭ 2001 - يىلىدىن بۇيان تالىبان كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ ھەربىي ھەرىكىتى ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى باشلانغان بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتكە ناتو قوشۇنلىرى تەركىبىدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 4000 كىشىلىكتىن قوشۇنى ۋە كۆپ ساندا ئافغانىستان قوشۇنلىرى ھەمدە يەنە ناتو تەركىبىدىكى تۈركىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم ساندىكى ئەسكەرلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار 15 - فېۋرال كۈنى ھېلموند ئۆلكىسى مارجا يېزىسىغا توپلانغان تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق تالىبان پىدائىي قوشۇنلىرىنى رايوندىن قوغلاپ چىقىرىپ، رايوننىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 16 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە قاتناشقان بىر ئافغانىستانلىق قومانداننىڭ گېپى نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: "ھازىر بىرلەشمە قوشۇن مارجا رايونىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىدى، مارجانىڭ جەنۇبىدىكى تالىبان كۈچلىرىمۇ ناھايىتى ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا. ھازىر بۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالىلەر قوشۇنىمىزغا ماسلىشىپ، تالىبانلار بۇ جايغا كۆمۈپ قويغان مىنالارنى تېپىشىپ بېرىۋاتىدۇ."
تۈنۈگۈن ئاقساراي باياناتچىسى روبېرت گىببس ۋە پاكىستان تەرەپ بايانات بېرىپ، تالىبانلارنىڭ مۇھىم قوماندانلىرىنىڭ بىرى بولغان موللاھ ئابدۇل غانى بارادار قاتارلىق ئۇچ كىشىنىڭ پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە تۇتۇلغانلىقىنى، ھازىر سوراق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئاقساراي باياناتچىسى روبېرت گىببس سۆزىدە: "بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە بارادارنىڭ قولغا چۈشۈشى بىزنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىمىزنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرى،" دېدى. خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستان ھەم پاكىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
بۈگۈن 18 - فېۋرال پەيشەنبە كۈنى ئافغانىستان ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان ھەم ئامېرىكا تەرەپ قولغا چۈشۈرگەن موللاھ ئابدۇل غانى بارادار قاتارلىق ئۇچ كىشىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. موللاھ ئابدۇل غانى بارادار ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرىنىڭ مۇھىم قوماندانلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارادار تالىبانلارنىڭ يەنە بىر قوماندانى موللا مۇھەممەد ئۆمەردىن كېيىنلا تۇرىدىغان مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىشىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا تەۋە كوپ دۆلەت قوشۇنلىرىدىن تەركىپ تاپقان ناتو قىسىملىرى ۋە ئافغان قوشۇنلىرى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكەتتە، ئامېرىكا ھەم ئەنگلىيىنىڭ قوشۇنلىرىدىن باشقا، يەنە كورېيە، تۈركىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىسىملىرى بولۇپ، رۇسىيە بۇ ھەرىكەتنى قوللىمىغان، خىتاي بولسا ئافغانىستان چېگرىسىدىكى ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بېرىش مەسىلىسىدە پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۇلتۇر 17 - دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى راسمۇسسېن ئافغان ئۇرۇشىغا ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن رۇسىيىگە بېرىپ، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە پرېزىدېنت دىمىترىي مېدۋېدېۋلار بىلەن ئۇچراشقان. ئەمما ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 17 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە، رۇسىيىنىڭ ناتونىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلمىغانلىقى، ناتۇ باش سېكرېتارى راسمۇسسېننىڭ رۇسىيە زىيارىتىدىن كېيىن ئەپسۇسلانغان ھالدا: " رۇسىيە بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزگە ماقۇل كەلمىدى، ئەمما ئافغانىستاننىڭ تېررورچىلارنىڭ جەننىتى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رۇسىيە ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىدى،" دېگەنلىكى بېرىلگەن.
ئامېرىكا ئوخشاش بىر ۋاقىت ئىچىدە 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى فىلىپس، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈش لىنىيىسى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ۋاخان كارىدورىنى ئېچىۋېتىش ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى، ئەمما ئەينى چاغدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىمۇ، "بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ھەقتە تېخى قارار چىقمىدى،" دەپ ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ پوزىتسىيىسى ئۈزلۈكسىز سوغۇق بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستان ھەم پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان، "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ئازادلىق تەشكىلاتى" دەپ ئاتالغان تەشكىلات بار دەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ جايلار بىلەن بولغان چېگرا بويىغا خىتاي ئەسكەرلەرنى كۆپەيتكەن ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىچكى جەھەتتىن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۆز چېگرا بويىدىكى ۋاخان كارىدورىغا كىرىشىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلماقتا ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.