خىتاي تور بەتلىرىدىكى QQ پروگراممىسىنىڭ جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.05.01
2009.05.01
AFP Photo
بۇ پروگراممىنىڭ قوللانغۇچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇ ياشلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان بىر ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما يېقىندا تېڭشۈن شىركىتىنىڭ QQ يۇمشاق دېتالىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالىدىن بىرى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.
پەن-تېخنىكا كۈندىلىك گېزىتىدە بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، QQ پروگراممىسىنى كومپيۇتېرىغا قاچىلىغانلىكى كىشى بۇ شىركەت تەرىپىدىن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنىدىكەن، ئۇ سىزنىڭ كومپۇتىرىڭىزدا قىلىۋاتقان ھەر بىر ھەرىكىتىڭىزنى ۋە كومپۇتېرىڭىزدا ساقلانغان ماتېرىياللارنى نازارەت قىلالايدىكەن.
ماقالىدە دېيىلىشىچە، كومپۇتېر تېخنىكىسىدىن خەۋەردار بولغان بىر مۇخبىر بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن QQ يۇمشاق دېتالىنى كومپيۇتېرىغا قاچىلاپ تەكشۈرگەندە QQ نىڭ ئېنىقسىز سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاۋاتقانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، مۇرەككەپ شىفىرلاش ئارقىلىق يوللانغان بۇ ئېنىقسىز سانلىق مەلۇماتلار ئابونتلارنىڭ كومپيۇتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى تېڭشۈن شىركىتىگە يوللايدىكەن.
ئاندىن ئۇلار قانۇنسىز ئەھۋاللارنى تېپىپ چىقىپ بۇنى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا خەۋەر قىلىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە يەنە، تېڭشۈن شىركىتى تورخانىدا QQ ئىشلىتىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىلگەن تور ئابونتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەگەر ھەر قانداق قانۇنغا خىلاپ، ھۆكۈمەتكە قارشى ئەكسىيەتچىل سۆزلەرنى بايقىغان ھامان ج خ ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى دېگەن.
بۇ ھەقتە شۈ ئىسىملىك بىر خانىم پەن - تېخنىكا گېزىتىگە ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى دەپ بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بىر كۈنى ئۇ QQ نى ئىشلەتمەكچى بولۇپ ئاچقاندا ئىشلىتىش چەكلەندى، دەپ خەت چىققان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەندە سىز ھۆكۈمەتكە قارشى سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۈججەت چۈشۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن توختىتىلدى دەپ جاۋاب ئالغان. ئاندىن ئۇ ئۆزىگە بىر تورداش يوللىغان بىر ھۆججەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، لېكىن تېخى ئۇنى ئېچىپ ئۇنىڭ نېمە مەزمۇندا ئىكەنلىكىنى كۆرگىدەك بولماي تۇرۇپ تېڭشۈننىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ بولغانلىقىغا قاراپ ھەيران قالغان .
تېڭشۈن شىركىتى ئۆزىنىڭ ج خ تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق بىر تەدبىر قوللانغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما تورداشلار ئارىسىدا بولسا، بۇ خىل ھەرىكەتنى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى دەپ قاتتىق نارازىلىق كەيپىيات شەكىللىنىۋاتقان بولۇپ، تورداشلارنىڭ QQ پروگراممىسىنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن. خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىنتېرنېت تورىنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىدىغان دۆلەت بولغانلىقى ھەممىگە ئايان.
خىتاي ھازىر يۇتۇب قاتارلىق تور بەتلىرىنىمۇ چەكلىدى. رادىئومىزدا بۇ ھەقتە ئىلگىرى بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ھازىر ئىپ ئادرېسى ئارقىلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق كومپيۇتېردا قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىش بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىۋاتقانلار بار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلەر ياكى يەرلىك ئەمەلدارلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلار ئىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىدا تورغا بولغان باشقۇرۇش نەچچە ھەسسە قاتتىق بولۇپ تېخى مۇشۇ يېقىندىلا شايار ناھىيىسىدىن بىر ياش شاياردىكى بىر ئويۇنچۇقخانىدا مەيدانغا كەلگەن بىر ۋەقەنى ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئۆسەك سۆز تارقاتتى دېگەن قالپاق بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى. - 2008 يىلى ياش ئاخباراتچى مەھبۇبە ئابلەشمۇ ئنتېرنېتتە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان ئىدى.
بۇنداق ۋەقەلەر ئۇيغۇر دىيارىدا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. خوتەندىن چەتئەلگە چىققان ئابدۇمىجىت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا تورغا بولغان كونتروللۇق ھەدددىن زىيادە كۈچلۈك بولۇپ، خالىغانچە ئادەم تۇتۇشنىڭ بىر ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خوتەندە مەلۇم بىر كىشى توردا نەزىر باغىقى ياسىغان ۋە باغاققا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاي بىلەن يۇلتۇزنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن سەن ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۈپسەن دەپ قارىلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن.
ئابدۇمىجىت ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچكىمنىڭ ئىنتېرنېتتە ئەمەلدارلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش، كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلىش ئەركىنلىكى يوقلۇقىنى، بىرەرسى ناۋادا ئىنتېرنېتكە بۇنداق بىرە نەرسە يېزىپ قالسا، ئۇنىڭ دەرھال قولغا ئېلنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گەرچە خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە قاراتقان بۇ خىل كونتروللۇقىنى داۋاملىق ھالدا ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ئۆزىنى بۇ خىل ئەيىبلەشلەردىن قاچۇرۇپ كەلمەكتە.
خىتايلار پەقەت ئۇيغۇر دىيارى ئىچىدىكى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىلا كونترول قىلىپ قالماي، بەلكى چەت ئەللەردە خىتايغا قارشى دېموكراتىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخىسلىرىنىڭ كومپىيوتىرلىرىغا ۋىرۇس ۋە ئوغرىلىق ھۈججەتلىرىنى ئەۋەتىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.