خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىدە 'ئۇيغۇرلار ئۇنتۇلمايدۇ' دېگەن ئورتاق ئاۋاز ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.10.20
2008.10.20
2008 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﺎ، ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
RFA Photo
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىم بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىندى ۋە يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. يىغىندىن كېيىن بىر قېتىملىق چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ خادىمى قاسىم تۈمەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلدى.
رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ سۆز قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن يىغىن ئەھلى ئورنىدىن تۇرۇپ بىر نەچچە مىنۇتقىچە گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىتىپ قوللىدى. رابىيە خانىم يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە باھا بېرىپ، سىلەرنىڭ پائالىيىتىڭلارنىڭ نەتىجىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولدى، ھازىرقى ھەرىكىتىڭلارمۇ ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەندە يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭرىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ خادىمى قاسىم تۈمەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە خانىم يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭلار دېگەندە يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭراپ ' ئۇيغۇرلار ئۇنتۇلمايدۇ' دېگەن ئورتاق ئاۋاز ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.
بۇ پائالىيەتتىن كېيىن، يىغىن ئەھلى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى.









