خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىدە 'ئۇيغۇرلار ئۇنتۇلمايدۇ' دېگەن ئورتاق ئاۋاز ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 10‏ - ئاينىڭ 19 ‏ - كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سېنيېگو شەھىرىدە 12 دۆلەتتىن كەلگەن 700 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىلىرى بىر چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىم بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىندى ۋە يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. يىغىندىن كېيىن بىر قېتىملىق چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ خادىمى قاسىم تۈمەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلدى.

رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ سۆز قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن يىغىن ئەھلى ئورنىدىن تۇرۇپ بىر نەچچە مىنۇتقىچە گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىتىپ قوللىدى. رابىيە خانىم يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە باھا بېرىپ، سىلەرنىڭ پائالىيىتىڭلارنىڭ نەتىجىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولدى، ھازىرقى ھەرىكىتىڭلارمۇ ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەندە يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭرىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ خادىمى قاسىم تۈمەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە خانىم يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭلار دېگەندە يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭراپ ' ئۇيغۇرلار ئۇنتۇلمايدۇ' دېگەن ئورتاق ئاۋاز ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.

بۇ پائالىيەتتىن كېيىن، يىغىن ئەھلى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى.