1944 - يىلى، 12 - نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان، كېيىن ئالمۇتىدا ياشاپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ، بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقدىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولىدا بىر ئويۇنچۇق بولغانلىقىنى ئېچىنىش بىلەن تەكىتلىگەن ئىدى
سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۆچ كۆرۈلگەن بىرىنچى جۇمھۇرىيەت
20 - ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىي مۇرەككەپ جەريانلار بىلەن تولدى. 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇرلار باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1931 - يىلى، ئالدى بىلەن قۇمۇل تاغلىرىدا خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ پارتلاپ، بۇ قوزغىلاڭ غەلىبىسېرى كېڭىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش بىلەن خەلقنىڭ ئازادلىققا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. نەتىجىدە، 1933 - يىلى.2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خوتەن خەلقى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، شۇ يىلى 4 - ئاينىڭ11 - كۈنى خوتەن ھۆكۈمىتىنى قۇردى.
شۇنىڭدىن كېيىن تۇرپان، كۇچار،ئاقسۇ،قەشقەر قاتارلىق جايلاردىمۇ ئارقىمۇ - ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتىرىلىپ، بۇ جايلاردىكى جىنشۇرېن ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ھاكىمىيەت قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى. خوجا نىياز ھاجىم ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار باشچىلىقىدىكى قۇمۇل - تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىمۇ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇپ تەرەپلىرىگە كېڭەيدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان سابىت داموللام 1933 - يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا خوتەندىن قەشقەرگە كېلىپ، جىددى تەييارلىقلاردىن كېيىن 1933 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى قەشقەر شەھرىدە داغدۇغىلىق مۇراسىملار بىلەن شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى جۇمھۇرىيەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى، دۇنيانىڭ ئىسلام دىنى رايونلىرىدىكى تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت بەلگىسى، دۆلەت گېمنى، دۆلەت بايرىقى قاتارلىق دۆلەتچىلىك ئىپادىلىرىگە ئىگە بولغاندىن سىرت يەنە 16 مىنىستىرلىق تەسىس قىلدى. خوجا نىياز ھاجىم مەڭگۈلۈك پرېزىدېنتلىققا ، سابىت داموللام باش مىنىستىرلىققا سايلاندى.
1934 - يىلىنىڭ ئەتىياز ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن خوجا نىياز ھاجىم ئاقسۇدا شېڭ شىسەي ۋەكىللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا رازى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ، مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ جۇمھۇرىيەت تولۇق ئاخىرلاشتى.
بىرىنچى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پەقەت ئالتە ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى. مەزكۇر ياش ھاكىمىيەت ئالدى بىلەن قوشنا سوۋېت ئىتتىپاقىغا پەقەت ياقمىغان بولۇپ، تاشقى جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىپ، شېڭ شىسەينى ھەربىي - سىياسىي جەھەتتىن قوللىشى، ئىچكى جەھەتتە ما جۇڭيىڭ تەرەپدارلىرى بولغان تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىۋاستە ھەربىي ھۇجۇملىرى شۇنداقلا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئىچكى نىزالىرى ھەم ئىتتىپاقسىزلىقلىرى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرىۋېتىلدى.
ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدى
ئارىلىقتا 11 يىل ئۆتۈپ، 1944 - يىلى 9 - ئايدا نىلقىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىرىدا فاتىخ باتۇر، غەنى باتۇر ئەكبەر، نۇرۇم، ئوسمان ۋە خەمىت قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىقىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، مىللىي ئازادلىقى ئىنقىلابى ئىلى تاغلىرىدا كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. 1944 - يىلى 4 - ئايدا غۇلجا شەھرىدە قۇرۇلغان" ئازادلىق تەشكىلاتى" مەخپىي تۈردە غۇلجا قوزغىلىڭىغا تەييارلىق قىلدى. 7 - نويابىر كۈنى ئازادلىق تەشكىلاتى غۇلجا شەھىرىدە نىلقا پارتىزانلىرى بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، 12 - نويابىر كۈنىگىچە غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ، لاڭشاڭ قاتارلىق جايلاردىن باشقا پۈتۈن شەھەرنى ئازات قىلدى.
1944 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ئەلىخان تۆرە رەئىس، ھاكىمبەگ غوجا بىلەن قازاقلاردىن ئوبۇل خەيىر تۆرە مۇئاۋىن رەئىس بولدى ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا 9 ماددىلىق سىياسى خىتابنامە ئېلان قىلىندى. ھۆكۈمەت ئەزالىرى بېكىتىلدى ھەمدە سەھىيە، مائارىپ، دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق، دىنى ئىشلار، باج، سودا ۋە چارۋىچىلىق مىنىستىرلىكلىرى قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىلى خەلقى تېزدىن ئىلىنى تولۇق ئازات قىلدى.
1945 - يىلى 8 - ئاپرېلدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ، 6 - ئايدىن باشلاپ ئۈچ يۆنىلىش بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ھەمدە جەنۇب تەرەپتە ئاقسۇ، قەشقەر ھەم يەكەن ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى ئازاد قىلدى.
مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى 40 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان، ئۆزبېك، تاتار، رۇس، موڭغۇل، شىۋە، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئوغۇل - قىزلىرىدىن تەركىپ تاپقان.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىپ، شۇ يەردە تاكى 2005 - يىلىغىچە ھايات ياشىغان، مەرھۇم ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىنقىلابقا باشتىن ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكىنى، مەخسۇس ھەربىي خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇللىرى ۋە گېنېراللىرىنىڭ ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىغا بۇ قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەر بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
بىراق، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ھەمدە ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن 1945 - يىلى 10 - ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تېچلىق سۆھبىتى باشلىنىپ، 1946 - يىلى،7 - ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەسىس قىلىندى. بىتىم تۈزۈشكە قارشى چىققان جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ 11ماددىلىق تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىر يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولۇپ، سىياسى كۈرەش ئەۋجى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشقان ۋەكىللەر غۇلجىغا قايتىپ كەتتى.
ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى: بىز شۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئولتۇرغان ئىدۇق؛ تىزگىننى ئۇلارغا تارتقۇزۇپ قويغان ئىدۇق
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۇلارغا تۇتقۇزۇپ قويغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: "ئاز كۈندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېنېراللىرى كېلىپ، ھەممە ئىشلارنى قولىغا ئالدى. بىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشەندۇق، ئەشۇ ئىماملارغا ئىقتىدا قىلىپ ئولتۇردۇق، چۈنكى، بىز گومىنداڭدىن قۇتۇلساقلا مەيلى دېگەن ئىدۇق، مەيلى ئەلىخان تۆرە، مەيلى ئەخمەت ئەپەندى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىدى، چۈنكى، ئۇلار بىزگە ۋەدە بەرگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا سابىت داموللامنى، غوجامنىياز ھاجىمنى كۆرسەتكەن ئىدۇق، شېڭدۇبەننىڭ ئىشىنى دېگەن ئىدۇق، ئۇلار بۇ قېتىم ئۇنداق قىلمايمىز، سىلەر چوقۇم مۇستەقىل بولىسىلەر دېگەن ئىدى، بىراق، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىزنى قورال قىلىپ ئىشلىتىش ئىكەن. ئۇلار ئاخىرى بىزنى ئالداپ، ئۆزىمىزنىڭ مېيى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى قورۇپ، ئاخىرى خىتاي كوممۇنىستلارنى ئەكىلىپ بەردى."
ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 1949 - يىلى 10 - ئايغىچە، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى بىر گەۋدە قىلغان مەزكۇر ھۆكۈمەت مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق 1949 - يىلى 8 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاق بەگ مۇنونوف قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى سوۋېت تېررىتورىيىسىدە "ئايروپىلان ھادىسىسى" دېگەن نام ئاستىدا سىرلىق تۈردە قازاغا ئۇچرىدى. 1949 - يىلى 10 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە پۈتۈشۈم بويىچە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىغا كىردى. مىللىي ئارمىيە 5 - كورپۇس قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئۈچ ۋىلايەتتە بەش يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھاكىمىيەت ئاخىرلاشتۇرۇلدى.