4-دېكابىردا ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئۇيغۇر ئىسلاھاتچىسى، ئاتاقلىق مەرىپەتچى، ئالىم ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 150 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندى ھەم شەخسەن ئۇنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروفنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر مۇراسىمغا، قىرىم تاتارلىرىنىڭ «ۋەتەنداش» مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى سېيىتبېي بابالىيېف، تاتار-باشقۇرت مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئىلمۇرات ۋافىن، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت فوندىنىڭ رەئىسى ئەخمەتبېي داغدوران، خەلقئارا يېڭى تېخنولوگىيىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ئابېن نۇرمانوف، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى رەئىسى ئارتۇق ھاجىم ھاجىيېف، شۇنداقلا ئۇيغۇر، ئەزەربەيجان، تۈرك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركەزلىرى، بىر قاتار جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، كۆپلىگەن زىيالىيلار ۋە باشقىلار قاتناشتى.
باش دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان كۆرنەكلىك ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف ۋە باشقىلار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەر ئالدىدا ئاتقۇرغان خىزمەتلىرىنى يۇقىرى باھالىدى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۈلۈشىنى، ئارزۇ-نىيەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرى تەييارلىغان كونسېرت پروگراممىسى تاماشا قىلىندى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
