تۈركىيە مەتبۇئاتى: «خىتاي ئابدۇقادىر قارى ھاجىمنىڭ تاۋۇتىنى تارتىۋالالمىدى»

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تور گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «دۇنيا بۇلتېنى» ناملىق گېزىتنىڭ 7-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا «خىتاي ئابدۇقادىر قارى ھاجىمنىڭ تاۋۇتىنى تارتىۋالالمىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.01.09
abdulkadir-qarihajim-turk-gezitide-305.jpg ئابدۇقادىر قارى ھاجىم تۈركىيىنىڭ «دۇنيا بۇلتېنى» ناملىق گېزىتىدە. 2013-يىلى 7-يانۋار.
RFA/Erkin Tarim

ماقالىدە ئۆتكەن يىلى روزى ھېيتتا ئالەمدىن ئۆتكەن ئابدۇقادىر قارى ھاجىمنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ تاۋۇتىنىڭ قانداق مازارغا ئېلىپ بېرىلغانلىق جەريانى بايان قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك يازغان بۇ ئوبزوردا ئالدى بىلەن ئابدۇقادىر قارى ھاجىمنىڭ جىنازا نامىزى مۇراسىمى بايان قىلىنىپ بۇ ھەقتە مۇنۇلار يېزىلغان:
«72 يېشىدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ خاتىپى ئابدۇقادىر قارى ھاجىمنىڭ ھېيتگاھ جامائەسىدە چۈشۈرۈلگەن نامىزى خىتايلارنى چۆچۈتتى. 20 مىڭدىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان بۇ ناماز خىتايلار تەرىپىدىن كونترول ئاستىغا ئېلىنالماي قالدى. گەرچە قەشقەر شەھىرى سىرتىدىن بىرمۇ كىشىنىڭ بۇ نامازغا قاتنىشىشى چەكلىنىپ، قەشقەر چېگراسى توسۇپ قويۇلغان بولسىمۇ ئەمما، قەشقەر شەھىرىدىنلا توپلانغان 20 مىڭدىن ئوشۇق جامائەت ھۆكۈمەتنىڭ تاۋۇتنى ماشىنىدا ئېلىپ مېڭىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، رەھمەتلىك ئابدۇقادىر قارى ھاجىمنىڭ تاۋۇتىنى تۇپراققىچە بېشىدا كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى.»

ئوبزوردا تونۇلغان دىنىي ئۆلىما ئابدۇقادىر قارى ھاجىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ مۇنۇلار بايان قىلىنغان:
«1940-يىلى قەشقەرنىڭ خەزىنىچى بەگ مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئابدۇقادىر قارى ھاجىم قەشقەردىكى داڭلىق دىنىي ئالىم ئاقچى داموللامنىڭ يېنىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، تۇنجى دىنىي ۋەزىپىسىنى خەزىنىچى بەگ جامائەسىنىڭ ئىمام خاتىپلىقىدىن باشلىغان ئىدى. قارى ھاجىم مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قولغا ئېلىندى ۋە قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ قىيناشلىرىغا ئۇچرىدى. ئۇزۇن يىل كوپىراتىپتا ئىشلىدى. 1980-يىلى ئاقلىنىپ تۈرمىدىن چىقتى. بىر مەزگىل ئۆز مەھەللىسىدە ئاتا مىراس ھۈنىرى بولغان ياغاچچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەھەللىسىدىكى جامائەدە ئۆزى خالاپ ئىماملىق قىلدى. 2003-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ قەدىمىي جامەلەردىن بىرى بولغان ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمام خاتىپلىقىغا تەيىنلەندى.

ئابدۇقادىر ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەممە شەھەردە دېگۈدەك شۆھرەت قازانغان بىر دىنىي ئالىم ئىدى. جەمئىيەتتىكى ھەر قاتلام كىشىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ئۆزى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداشقا تىرىشاتتى. تولىمۇ ئەپسۇس ئۇنىڭ جىنازا نامىزى كۈنى ئاقسۇ، خوتەن، ياركەنت قاتارلىق يۇرتلاردىن ئالىمنىڭ نامىزىغا كەلگەن كىشىلەر قەشقەرگە كىرگۈزۈلمىدى. ھېيتگاھ جامائەسىمۇ قوراللىق قىسىمنىڭ قورشاۋىغا ئېلىندى. ئەمما خەلق بەش كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى تاختا كۆۋرۈك (مەۋلانەم) مازارلىقىغىچە ئابدۇقادىر قارى ھاجىمنى بېشىدىن چۈشۈرمىدى.

جىنازا نامىزىدىن كېيىن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى جىنازىنى ماشىنىدا ئېلىپ مېڭىشقا قارىشى چىققان كىشىلەرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرمەكچى بولغاندا، قەشقەر شەھىرىنىڭ ۋالىيسى ئەكبەر، نامازدا ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپ ئىشنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ئەگەر بىرىنى قولغا ئالىدىغان بولسا مىللىي زىددىيەت ياكى توقۇنۇش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئەسكەرتتى.»

تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ تور گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «دۇنيا بۇلتېنى» ناملىق گېزىتنىڭ 7-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئابدۇقادىر قارى ھاجىمنىڭ تاۋۇتىنى تارتىۋالالمىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە تاۋۇتنى خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرى تارتىۋالمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتكەنلىكى يېزىلغان.

ئەمما بىزنىڭ قەشقەردە ئابدۇقادىر قارى ھاجىمنىڭ جىنازا مۇراسىمىغا قاتناشقان كىشىلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان ۋە قول ئىشارەتلىرىنى قىلغان 40 ئەتراپىدا كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ مەۋجۇت. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپى ساقچى ئىدارىسىدە سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. خىتاينىڭ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن بۇنچىۋالا قورقۇشىدىكى سەۋەب زادى نېمە بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوشقان تۆھپىسى زادى نېمە بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئابدۇل ئەزىز مەخسۇم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.