ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى داۋاملاشماقتا

خىتاي يېقىندا پەيزىۋاتنى ئەڭ چوڭ مىسچىلىق بازىسى قىلىپ، بۇ جايدا " شېنخۇي مىس ئېرىتىش زاۋۇتى" نى قۇرغان ۋە 2400 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن، ئارقىدىنلا يەنە شۇ پەيزىۋات ناھىيىسىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسى بويىچە 90 نەپەر قىزنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر زاۋۇتقا يۆتكىگەن. پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى 90 نەپەر ئىشسىز قىز نېمە ئۈچۈن پەيزىۋاتتا ئېچىلغان زاۋۇتقا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى؟

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىز بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا توغرا جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.

خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، ئەمما ئۆتكەن يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شاۋگۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىك خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھەمدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

خىتاي ئاخبارات ۋاستلىرى بۇ يىل 6 - ئىيۇل كۈنى، پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى 90 نەپەر ئۇيغۇر قىزنى، جېجياڭدىكى ياگېر گۇرۇھىنىڭ كىيىم تىكىش زاۋۇتىغا يۆتكىگەنلىكىنى، 4 يىلدىن بۇيان بۇ زاۋۇتقا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر ئىشچىلار سانىنىڭ 5800 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەردە يەنە 2006 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر پەيزىۋات ناھىيىسىدىن 22 مىڭ ئادەمنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشچىلىق قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يەنە خىتاي ئاخباراتىدا، شەندۇڭ جاۋجېن كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن پەيزىۋات ناھىيىسىدە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەڭ چوڭ مىس بازىسى قۇرۇلغانلىقى، 2400 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر كەسكىن داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، پەيزىۋات ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋاللار، بولۇپمۇ ناھىيىدە ئېچىلغان زاۋۇتتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق، 90 نەپەر ئۇيغۇر قىزىنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى زاۋۇتقا يۆتكىلىشى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ، خىتاي يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنى گۈللەندۈرۈش شۇئارىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى كۈچەيتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، پەيزىۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلىفۇن ئۇردۇق. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تېلېفۇنىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

بىز پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇ ھەقتىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن، ناھىيىدىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئاھالىلىرىگە تېلېفۇن ئۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالدى بىلەن كىملىكىمىزنى سۈرۈشتە قىلىپ زىيارىتىمىزنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغان بولسا، يەنە بىرلىرى، بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ سوئالىمىزنى جاۋابسىز قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۈر ناھىيىدىكى بىر موزدوز، قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مەسىلىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئىجابىي قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي بېسىمى تۈپەيلىدىن ھېچقاچان ئۆز پىكىرلىرىنى ئەركىن بايان قىلالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى "ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت" دېدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.