ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلەنمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.01.07
2010.01.07

AFP Photo
ئافغانىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەكىلى كەي ئايدﯤ، ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن يالغۇز ھەربىي كۈچكىلا تايانماستىن، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئاساسىدىكى پىرىنسىپلاردىن پايدىلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەكىلى كەي ئايدﯤ، ئافغانىستانغا ھەربىي كۈچ ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، نۆۋەتتە ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش كۆرمەيۋاتقانلىقىنى، ئافغان خەلقى بولسا ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئىشقا ئاشمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ پىكىرلەرنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستان بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىۋاتقان مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەل قىلىنماي، مۇشۇ شەكىلدە داۋاملىشىۋەرسە ئەھۋالنىڭ پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كەي ئايدېنىڭ نەزىرىدە ئافغانىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى يالغۇز ھەربىي كۈچ بىلەن توختىتىپ قالغىلى بولمايدىكەن.
كەي ئايدﯤ بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ھەمدە يەنە رايوندا جەڭ قىلىۋاتقان گۇرۇھلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى، جۈملىدىن تېگىشلىك چارىلەرنى قوللىنىش، بولۇپمۇ تالىبانلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 7 - يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى خوست ۋىلايىتىدىكى ھۆكۈمەت ئىدارىسىنىڭ يېنىدا بومبا پارتلاپ، خوست ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى توخىر خان سابارىي ۋە بىر قانچە ھۆكۈمەت خادىملىرى يارىلانغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە پاكتىكا ۋىلايىتىنىڭ گېردېز شەھىرىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 8 كىشى ئۆلگەن 24 نەپىرى يارىلانغان.
شۇ كۈنى كېچىسى يەنە خوست ۋىلايىتىدىكى بازاردا ئوخشاشلا پارتلاش يۈز بېرىپ 9 كىشى ئۆلگەن، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ئىچىگە باستۇرۇپ كىرگەن ھۇجۇمچىنىڭ ئۆزىنى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە 7 نەپەر ھەربىي خادىم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
ئافغانىستاندىكى ھۇجۇملاردا ھەتتا بالىلار قازا قىلغان بولۇپ، بۇ خىل ئېغىر ۋەزىيەتلەر تۈپەيلى 28 - يانۋار كۈنى لوندوندا، ئافغانىستان مەسىلىلىرى بويىچە خەلقئارا يىغىن چاقىرىلماقچى بولۇپ، ئەنگىلىيىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىسى مارك لايال گرانتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىندا ئاساسلىق ئۈچ مۇھىم نۇقتا يەنى ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتى شۇنىڭدەك دۆلەت باشقۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.