ئەي ۋېي ۋېي خىتاينىڭ مودېرنىزم سەنئەت ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى يۈرەكلىك تەنقىد قىلىش بىلەن نام چىقارغان مەشھۇر ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى.
سەنئەتكار ئەي ۋېي ۋېينىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىدى. خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئىلگىرى خىتايدا دېموكراتىك ئىدىيىنى تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچراپ، چەتئەللەردە سەرگەردانلىق ھاياتىنى كەچۈرۈۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرى شۇنداقلا ھېلىمۇ خىتاي ئىچىدە تۇرۇپ، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل تەڭسىزلىكلەرگە ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىمۇ، ئۆز بېشىغا كېلىش ئېھتىمالى زور بولغان خەۋپلەرگە قارىماستىن، چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئەي ۋېي ۋېي ھەققىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
خىتاي سىياسىي ئانالىزچىلىرىدىن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى ئەي ۋېي ۋېينىڭ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:«خىتايدەك كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقان دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھېچقاچان توختىغىنى يوق. بۈگۈنكى كۈندە ئەي ۋېيۋېيگە ئوخشاش سەنئەتكار زىيالىيلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. مانا بۇ كومپارتىيە ھاكىمىيىتى دەۋرىدە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ھەم دېموكراتىيىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى يەنە بىر ئىسپاتى بولماقتا.
خىتايدا تونۇلغان سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي خىتاي ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر خىتاي شائىرى ئەي چىڭنىڭ ئوغلى. 3-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەندە ئەي ۋېيۋېي بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان ئانىسى گاۋيىڭ خانىم 5-ئاپرېل قىزى گاۋگې بىلەن بىرلىكتە توردا ئادەم ئىزدەش ئېلانىنى بېرىپ، ئەي ۋېي ۋېينىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلدى.
خۇپىڭ ئەپەندى مەشھۇر خىتاي شائىرى ئەي چىڭنىڭ خانىمى تەرىپىدىن قولدا يېزىلىپ، تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ئادەم ئىزدەش ئېلانى ھەققىدە توختالدى.
خۇ پىڭ:«گاۋ يىڭ خانىم تەرىپىدىن قولدا يېزىلغان بۇ ئادەم ئىزدەش ئېلانى بۇ خەلقئارا مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن، بىر ئانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بىلدۈرگەن نارازىلىقى ھەم ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتى دەپ تەرىپلەندى. خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كىنايە بىلەن يېزىلغان بۇ ئېلاندا، بىر ئانىنىڭ ئۆز ئوغلىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بۇ ئېلان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىممۇتلەقلىق سىياسىتىنى كىنايە ئۇسۇلىدا تەنقىدلىدى. بۇ ئېلان يەنە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ئەركىنلىك بوغۇلۇۋاتقان ھازىرقى خىتاي جەمئىيىتىدە كىشىلەرنى ئۆز ھەق -ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرغان بىر چاقىرىقنامە بولدى.»
ئىلگىرى خىتايدىكى «شېنجېن ياشلىرى» ژۇرنىلىدا باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن ھازىر ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى ئەي ۋېينىڭ مەخپىي تۇتۇپ كېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«ئەي ۋېيۋېي ۋەقەسىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا، ئەي ۋېيۋېي ھەرگىزمۇ بىر سىياسىيون ئەمەس، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ داھىيسىمۇ ئەمەس. ئەي ۋېيۋېي پەقەت ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى تەڭسىزلىكلەرنى تەنقىد قىلدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەي ۋېيۋېيگە ئوخشاش سەنئەتكارلارنىمۇ تۇتقۇن قىلىشى خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.»
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاۋ ليەنخەي خىتايدىكى زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسىنى پاش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بۇلتۇر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 4 ئاي ئىلگىرى تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ھازىرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان جاۋ ليەن خەي تۈنۈگۈن رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئەي ۋېيۋېي ھەققىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەي ۋېي ۋېينىڭ تۇتۇلۇپ كېتىلىش ۋەقەسىگە خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەكىتلىدى.
جاۋ ليەنخەي مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەي ۋېيۋېينى بوش قويۇۋەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ. مەن ھازىر تۈرمە سىرتىدا، ئەمما يەنىلا قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇرۇپتىمەن. لېكىن ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتۇپ كېتىلىش ۋەقەسىگە سۈكۈت قىلالمايمەن. بەلكىم مەن بۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلىقىم سەۋەبىدىن ئۇلار ماڭا تېخىمۇ ئېغىر جازا بېرىشى مۇمكىن. ھازىر پەقەت ھەققانىيەتنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈنلا نۇرغۇن كىشىلەر تۇتۇپ كېتىلدى. ئەمما، خىتاي پۇقرالىرى بۇ خىل ئەھۋالدا سۈكۈت قىلماسلىقى، ھەققانىيەتتە تۇرۇشى كېرەك. بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەي ۋېي ۋېي قاتارلىق بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا ھەققانىيەت ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ئادەم قانچە جىق بولسا؛ خەلق كۈچى شۇنچە زورىيىدۇ.»