خىتاينىڭ "پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى" سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر يېڭى باسقۇچى


2006.08.31

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قوبۇل قىلغان "پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى" دەپ ئاتىلىدىغان 1038 كىشىنى 29‏-، 30‏- ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۈرۈمچىگە توپلاپ تەربىيىلىگەن. "شىنجاڭ خەۋەر تورى" دا بايان قىلىنىشىچە، "پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى" دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەر ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 20 ناھىيىگە 3 يىللىق مۇددەت بىلەن ئەۋەتىلىدىكەن. "پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى" دەپ ئاتالغان كىشىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مالىيىسى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ يۇقۇرى سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچى مەنبەسىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرىدىكەن

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 31 ‏- ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ماقۇللانغان "مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى"‏نى 9 - ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتنىڭ يۇقۇرى سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچى مەنبەسىنى يېزىلارغا قارىتىدىكەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلدىن باشلاپ غەرب تەرەپتىكى رايونلارغا 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن پۇل چۈشۈرگەن. مەركەزدىن چۈشۈرگەن بۇ مەبلەغ بىلەن بۇيىلنىڭ باش يېرىمىدا 47 مىليون ئوقۇغۇچى ئوقۇش راسخوتى تۆلەش بېسىمىدىن خالاس بولغان. خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ شۈمىڭ بۇ ھەقتە ئىزاھات بەرگەندە "يىراق، نامرات مىللى رايونلارغا بارغان پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچىلارغا دۆلەتتىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ" دەپ جاكارلىغان. مەركىزى ھۆكۈمەت ھەر قايسى جايلاردىن پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى كۈتۈۋېلىش ۋە ياخشى ئۇزىتىشنى تەلەپ قىلغان.

پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچىلارغا 3 يىل ئىچىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئىمتىھانسىز بېرىلىدىكەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مائارىپ مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، كادىرلار مىنىستىرلىكى، شتات مىنىستىرلىكىدىن ئىبارەت 4 مىنىستىرلىك بىرلىكتە 2006 ‏- يىلى 5 ‏- ئايدا چۈشۈرگەن بىر ھۆججەتتە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىپ يېزىلارغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى، مەركەزدىن ئۇلارغا 15 مىڭ يۈەن يىللىق ئىش ھەققى بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېمىنى يەرلىك مالىيىدىن تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يېزىغا بېرىش مۇددىتى 3 يىل بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچىلارغا 3 يىل ئىچىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئىمتىھانسىز بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىتاي تىلى ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەشنى ھاۋالە قىلغان

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ 2003 ‏- يىلى 5 ‏- ئايدا چۈشۈرگەن "ئاساسىي مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدە قارار" دېگەن ھۆججىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئازا سانلىق مىللەت رايونلىرىدا قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سىياسەت. بۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل-يېزىق كومىتېتى بىلەن مائارىپ نازارىتىگە ئاساسەن خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ ۋىلايەتلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خىتاي تىلى ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنى ھاۋالە قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈزگۈزگەن مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇر تىلىنى خاراپ قىلغان

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇر تىلىنى خاراپ قىلغان. ئۇلار خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتىگە نارازى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.