تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئالى باباجان ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننى زىيارەت قىلدى

تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادقا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئالى باباجان ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك خىتاي ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىدە قىلغان ئېچىلىش نۇتقىدا تۈركىيىدىكى مەبلەغ سالغۇچى كارىخانىلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.09.03
ali-baban-wen-jyabaw-yawro-asiya-305.jpg تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئالى باباجان ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشتى. 2012-يىلى سېنتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

شۇنداقلا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بىلەن كۆرۈشكەن. ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشقان باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئوخشاشلا بىر ئېچىلىش نۇتقى قىلغان تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى ئالى باباجان بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىۋاتقان 6 تۈرك شىركىتىنىڭ بۆلمىسىنى زىيارەت قىلغان. ئارقىدىن تۈرك مىنىستىر ئۈزۈم ۋە قوغۇنلىرى دۇنياغا مەشھۇر تۇرپاننى زىيارەت قىلغان. ئۇيغۇر دىيارىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان ئالى باباجان، ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنۇلارنى دېگەن:
«مەسىلىنىڭ نېگىزى، ئۇيغۇر رايونى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئورتاق كۈلتۈر ۋە ئورتاق تارىخقا ئىگە. مانا بۇ ئوخشاشلىق بۇ ئىككى رايونىنىڭ ئىقتىسادى ئالاقىسى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلايدۇ. بىزنىڭ بۇ رايون بىلەن زىچ بىر ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئۇيغۇر رايونى ھەقىقەتەن زىچ نوپۇسى، يېزا ئىگىلىكى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن مۇھىم ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولغان بىر رايون. كېيىنكى باسقۇچلارنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىمەن.»

تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئالىي باباجان تۇرپاننى زىيارەت قىلدى. 2012-يىلى سېنتەبىر.
تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئالىي باباجان تۇرپاننى زىيارەت قىلدى. 2012-يىلى سېنتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان باباجان خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:
«تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسى بارغانچە قويۇقلاشماقتا. تىجارىتىمىزنىڭ ھەجمى زورايماقتا. ئەمما ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان ئالاقىگە قارايدىغان بولساق، ئىقتىسادىي رەقەملىرىمىزنىڭ ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق. تۈركىيىنى چىقىش قىلغىنىمىزدا، بۇ سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ھەسسە قوشالىشىغا ئىشىنىمەن.»

تۈركىيىنىڭ دۆلەت مىنىستىرى ئالى باباجان ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«ھەممەيلەننىڭ قارىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشى بىر قىزغىن كەيپىيات ھاسىل قىلالايدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن بۇ رايوندا تۈرك مەبلەغ سالغۇچىلارغا خاس تۈركىيە سانائەت رايونى نامىدا ئايرىم بىر رايون قۇرۇلىدىغانلا بولسا، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈركىيىدىكى مەبلەغ سالغۇچى كارخانىچىلارنى بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرىمىز. تۈرك كارخانىلىرىنىڭ بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشىنى قوللايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېيىنكى قەدەملىرىمىزدە ئىككى رايوننىڭ سودا ئالاقىسى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز».

راستىنىلا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى ئالى باباجان دېگەندەك تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەدەنىيەت ئورتاق تارىخ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق زېمىن ھازىرلاپ بېرەلەمدۇ؟ تاتارىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە ئوخشاش بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىش مۇمكىنمۇ؟ خىتاينىڭ تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشىنى چىڭ كۆڭلىدىن خالامدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى در ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.