تور بېكەتلىرىدە يېزىلغان ئىنكاسلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تىكلىگەن بۇ مىللەتلەر ئىتىپاقى ئۈلگىسىگە نەپرەت ئوقۇش بىلەن بىللە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ھەم مىللىي ئۆرپ - ئادىتىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۆزى تەكىتلەۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەندى.
بۇلتۇردىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، كاۋاپ سېتىپ خىتاي بالىلىرىغا ياردەم قىلغان ئالىم خالىقنى مەدھىلەيدىغان خەۋەرلەر كۆپىيىپ، ئالىم خالىق دائىرىلەر تەرىپىدىن 2011 - يىللىق «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس»دەپ باھالىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ تىكلەنگەن ھەم بۇ يىللىق لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە مەشئەل كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىدى. 6 - ئاۋغۇست كۈنى يەنە، ئالىم خالىقنىڭ ئۈرۈمچىدە كاۋاپخانا ئاچقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەندىن كېيىن بۇ خەۋەر ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
خىتاينىڭ خەلق تورى ۋە شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلار ئالىم خالىق كاۋاپخانىسىنىڭ 6 - ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى يولىدا ئېچىلغانلىقىنى داغدۇغا بىلەن خەۋەر قىلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوپنىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن بۇ كاۋاپچىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تۆمۈريول ئىدارىسى يولىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە مۇقەددەس كۈن دەپ ئاتالغان رامىزاننىڭ 17 - كۈنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ئېتىلداق (پوجاڭزا) ئېتىپ، خىتاي يېزىقىدا ۋىۋىسكا ئېسىلغان كاۋاپخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى رەسىملىك خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېسسياتىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلار ئالىم خالىق ھەققىدە ھەجىۋى قوشاق ھەم ئۆتكۈر كىنايىلىك ئىنكاسلارنى يېزىپ ئۇنىڭ قىلمىشىغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن.
تۆۋەندە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ھوزۇرىغا سۇنماقچىمىز.
ئالىم خالىقنىڭ ئېتىلداق ئېتىپ تىجارەت باشلىغانلىقىنى مەسخىرە قىلغان بىرەيلەن «كاۋاپچى ئالىمنىڭ ئىسمىنى ھازىردىن باشلاپ ئالىم پوجاڭ دەپ ئاتايدىكەنمىزدە.
ھەي ئالىم پوجاڭ، ئاشخانىڭىزدا مۇبارەك رامىزاندا پوجاڭ ئېتىپ تىجارەت باشلاپ، ئاشپۇزۇل نامتاختىڭىزدا ئانا يېزىقنى تاشلاپ ھەجەپمۇ چىرايلىق لەقەمگە ئېرىشىپسىز. پوجاڭ دېگەن يېڭى نامىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ نام سىزدىن بالىلىرىڭىزغا، بالىڭىزنىڭ بالىلىرىغا فامىلە بوپ قالسۇن» دەپ يازغان.
ئالىم خالىقنىڭ قىلمىشلىرىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يەنە بىر تورداش بولسا مۇنداق ئىنكاس يازغان. «مەن ئەزەلدىنلا بۇ كىشىنى ھۆرمەتلەپ باقمىغان، بۇندىن كىيىنمۇ ھەم شۇنداق....ئۆز مىللىتىگە بىرەر ياخشى ئىش قىپ بىرىپتۇ دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم. قاچانلا قارىسا ئاكىلىرىغا كاۋاپ تارقىتىۋاتقان سۈرىتى.»
ئالىم خالىقنىڭ قىلمىشى مەسخىرە قىلىنغان ھەجۋى قوشاقلارنىڭ بىرىدە،
بەركەت بەرسۇن سوداڭغا،
ئامەت ياغسۇن كوچاڭغا.
ناغرا سۈناي يانداپ قوي
ئاتقان سېسىق پوجاڭغا.
ئانا تىلدىن تاندىڭمۇ،
يوسۇنۇڭدىن چاندىڭمۇ.
قوش تىللىق دەپ خېرىدارنى،
رامىزاندا چالدىڭمۇ؟!
ساقال،دوپپا،كۆينەكتە،
«ئالىم كاۋاپ»كۆيمەكتە.
ئۇلۇغ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى،
تۆكىۋەتتىڭ چەينەكتە...
دەپ يېزىلىپ، ئالىم خالىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ لەنىتىگە قالغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
ئىنكاسلاردا يەنە تورداشلارنىڭ غەزەپ - نەپرىتىمۇ ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بىر تورداش يەنە مۇنداق بايانلارنى يازغان:
«ھەي ئىسىت، ھەي ئىسىت! خەنلەرگە ياخشىچاق بۇلۇش ئۈچۈن مەدەنيىتىمىزگە مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىپسەن. يامان بولساڭ، باشلاش مۇراسىمىدا ناغرا - سۇناي چالغۇز! رامىزاندا يىمەك - ئىچمەك تىجارىتى قىلىشنىڭ مۇسۇلمانلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى خەنلەرگە بىلدۈرۈپ قوي! ئەشۇ ۋىۋىسكىدىكى خەنچە خەتنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە يېزىقنى چىقىرىپ باققىنا. خەنزۇ رەھبەرلەرگە چىرايلىق كۆرۈنەلەمدىكەنسەن؟! ئىسىت ھالىڭغا غالچا،تەخسىكەش، ئۇيغۇردىن چىققان مۇناپىق!»
سەندەك مۇناپىقنى ئۇيغۇر تىزىملىكىدىن چىقىرۋەتكىلى بۇلارمۇ؟سەن ھامان بىر كۈنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمەي،شەرمەندە بۇلۇپ ئۆلىسەن!
ئالىم خالىقنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىن پايدىلىنىۋاتقان، سىياسى يانچۇقچىلىقىنى بىلدۈرگەن تورداشلار يەنە مۇنداق ئىنكاسلارنى يازغان.
«ئالىم خالىق مۇخبىرلارغا پۈتۈن شىنجاڭدا 100لىگەن زەنجىرسىمان كاۋاپخانا ئاچىمەن دەپتۇ.ئەگەر ئالىم خالقنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ، ھەر بىر كاۋاپخانغا ئۈرۈمچىدىكىدەك خەنزۇ يېزىقى بىلەن ۋىۋىسكا ئېسىپ، پوجاڭزا ئېتىپ تىجارەت باشلىسا، قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقار؟!...»
«بىز ئالىم خالىقنى ساۋاتسىز، بىلەلمەي خەنزۇ يېزىقى بىلەن ۋىۋىسكا ئېسىپتىمۇ دەپ تۇرىلى. ئۇنداقتا قۇلىقىمۇ پاڭمىدۇ،ئەگەر قۇلىقىنىمۇ پاڭ دەپ قارىساق، رامىزاندا تىجارەت باشلىغىنىنى قانداق چۈشىنىسىز؟! بۇ ئادەم ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك دۆت ئەمەس، ئۇ ناھايىتى سەزگۈر ھىلىگەر. پەقەت ئۇ كىشىدىن ئىمان - ئەقىدە كۈتۈرۈلۈپ كەتكەن خالاس.»
تورداشلار ئۆز ئىنكاسلىرىدا ئالىم خالىقنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى ھەم تىل يېزىقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۆزغەزىپىنى ئىپادىلىگەن ئىنكاسلارنىمۇ يازغان.
«ھازىر ئۇششاق دۇكان - سارايلارنى دېمەيلا قويايلى، چوڭ - چوڭ دۆلەت ئېگىلىكىدىكى ئورۇنلارنىڭ ۋىۋىسكىسىدىمۇ ئويغۇرچە خەت يوق، خەنزوچە ۋە ئېنگىلىزچە ئىككى خىللا يېزىق بار، ئەڭ ئاددىيسى يېزىدىكى توك پونكىتىغا قاراپ باقايلى!
ماۋۇ مىللەت دىن ئشىلىرى، تىل - يېزىق كومىتېتى دېگەن ئورۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتىمۇ ياكى ھازىرمۇ ئشىلەۋاتامدۇ؟ قانداق، نېمە ئىش قىلىدىغان ئۇرۇن بۇ؟»
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالىم خالىق ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن كاۋاپخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ 17 - كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ساقال - بۇرۇتلۇق، كانىۋا كۆينەك كىيگەن ئالىم خالىقنىڭ كىشىلەرگە كاۋاپ سۇنۇۋاتقان رەسىمىنى خەۋەرگە قويۇشىغا ئىنكاس يازغان تورداشلار كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئىنكاسلارنى يازغان.
«ئالىم خالىقنىڭ ساقىلى بار، بۇ يەردە نىمىشقا بىزگە ساقال قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ ؟ ئۇ دوپپا كىيىدۇ، ئايالى ياغلىق ئارتىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، بىزگە نىمىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؟! ئەگەر رامىزاندا پوجاڭزا بىلەن تىجارەت باشلاش سىياسى جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدىئولوگىيە ئۇرۇشى بولسا، ئالىم خالىق ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلىشى كېرەك؟ بىزچۇ ؟»
«بۇنىڭ پەردا ئارقىسىدىكى ئيۇننى سەگەك ئادەملا ھېس قىلايدۇ. «ئالىمجان بەھىرلىنىۋاتقىنى سىرتقا قارىتىلغان دىپلوماتىك سىياسەت، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا يۈگۈزۈلۈۋاتقىنى ئىچكى سىياسەت... ئالىمجان شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنىڭ بەلگىسى، ھەم «كاپالىتى»...
«ئالىم خالىق ھازىر ئۇلارنىڭ بىر سىياسىي تەشۋىقاتچىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ساقىلىنى ئېلىۋەتمەي، لوندون ئولىمپىكىدە مەشئەل كۆتۈرۈشى خەلقئاراغا بىزنى ساقال قويۇش ئەركىنلىكى بار دەپ كۈرسىتىش ئۈچۈن. دۆلەت ئىچىدە بۇلسا بۇنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنى بىسىپ قويۇش. بۇ ئىشلارنى سىزدەك ۋە مەندەك ئويلايدىغانلار بەك ئاز ئىكەن بۇ مۇنبەردە. تەتۈر ئىقىمدىكىلەر بەك كۆپ، چۈنكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن خەن مەدەنىيىەت ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلىنىپ بولغانلار. مانا بۇ ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرىدىغان دەۋەر يىتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بىشارىتى.»
تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا يەنە، ئۇيغۇر جامائىتىنى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقى، دىنىي ئادىتى ھەم مىللىي ئۆرپ - ئادىتى ئاياق ئاستى قىلىنغان بۇ قىلمىشقا قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزۈپ چىققان قانۇنىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىمۇ تەكىتلەنگەن.
ھەر قانداق ئادەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدىن ئۇستۇن تۇرسا بولمايدۇ،ئالىم خالىقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، كاۋاپخانا ئاچساڭ، ۋېۋىسكاڭنىڭ ئەڭ ئۇستىگە ئۇيغۇرچە يېزىشىڭ كېرەك. ئالىم خالىقلا ئەمەس باشقا ھەر قانداق دىن، ھەر قانداق مىللەتتىكى ئادەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تىجارەت قىلىپ، ۋېۋىسكا ئاسسا چوقۇم ئاپتونومىيە قانۇنى بۇيىچە ۋېۋىسكىنىڭ بىرىنچى قۇرىغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلىشى كېرەك !
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، ئالىم خالىقنىڭ رامىزان مەزگىلىدە، ئېتىلداق ئېتىپ كاۋاپخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىگە قارىتا يېزىلغان ئىنكاسلار ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، بىز بۈگۈن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۇنالىدۇق. بۇ قەدەر كۆپ كىشىنىڭ بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ئۆزىلا، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي غۇرۇر ھەم ئۆز كىملىكىنى قوغداش ئېڭىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئالىم خالىقتەك كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ!
0:00 / 0:00