«شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى» تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا

5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون چاقىرىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭەش يىغىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئورۇن بېرىلمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.04.28
rabiye-picnic-305.jpg دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم. 2011-يىلى 23-ئاپرېل.
RFA

تۈركىيە ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئامېرىكىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقچى» ماۋزۇلۇق خەۋەر تۈركىيىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىندى. «خابەر تۈرك» گېزىتىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇر تۈركلىرى بىر بىرى بىلەن بولغان ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، تۇنجى قېتىم ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە يول خەرىتىسى سىزماقچى.

بۇ خەۋەردە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتكىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا دۇنيادىكى ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە يول خەرىتىسى سىزىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازغان.

«خابەر تۈرك» گېزىتىدە 23-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يەنە، بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئامېرىكا كونگرېس بىناسىدىكى زالدا ئېچىلىدىغانلىقى، بۇ يىغىنغا 20 دۆلەتتىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ سۆز قىلىدىغانلىقى يېزىلغان.

خەۋەردە يەنە بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن تېخىمۇ سىستېمىلىق پىلانلىق ئەستايىدىل خىزمەت قىلىش كېرەكلىكى، چۈنكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بۈگۈن زور خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى قانداق بىر يىغىن؟ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر بۇ يىغىندىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.