ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ قاراشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش مۇشۇ يىلى، ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىغا بەلگىلەنگەن بولۇپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېيىنگە قالدۇرۇلغان ئىدى.
يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىگە سىياسىيونلار، ئانالىزچىلار، ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى ۋە يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بۇ سۆھبەتكە كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، چېخىيە ۋە گوللاندىيە دۆلەتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
سۆھبەت يىغىنى جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ "2009 - يىل ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسى: ھەقىقەت ۋە ئويدۇرما" ناملىق باش دوكلاتى بىلەن باشلاندى. دوكلاتچى ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكى، سىياسىي تەشكىلاتلار ھەم ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇنىڭدەك بەزى دۆلەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۈستىدىمۇ تەپسىلىي توختالدى.
قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ دائىرىدە يۈرگۈزۈلگەن ھەم بۈگۈنكى كۈندىمۇ توختىمايۋاتقان تەقىپلەشلەر، ئۆلۈم جازالىرى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
ئۇ دوكلاتىدا ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن تىنچلىق يوسۇندا ھەمدە دۆلەت قانۇنلىرى دائىرىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىغا قارىماي، ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز باياناتىدا يەنە "شىنجاڭ ئىقتىساد" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خىتاي قانۇن دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز سوتلانغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئادالەتسىزلىكنىڭ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلاردىمۇ نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
"خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ھېساباتى " ناملىق دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان ئىنسان ھوقۇقلىرى بويىچە قازاقىستان بيۇروسىنىڭ خادىمى ئاندرىي گرىشىن ئۈرۈمچى پاجىئەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلاردا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تۈرلۈك مەلۇماتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قانلىق ۋەقەلەر جەريانىدا ئۆلگەنلەر، يارىدار بولغانلار، ئىزسىز يوقاپ كەتكەنلەر، قولغا ئېلىنغانلار ۋە سوتلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدىكى رەقەملەرنىڭ بىر خىل ئەمەسلىكى ھەم تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشتە قىيىنچىلىقلار تۇغدۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتچى مەسىلىگە چوڭ ئەھمىيەت بەرگەن ھالدا مۇنداق دېدى:
"بىز، بىرىنچىدىن، خىتاي دائىرىلىرى، ئىككىنچىدىن بولسا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن رەقەملەرگە ئىگە بولۇۋاتىمىز. ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز پاكىتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەم دەلىللەشكە تىرىشماقتا. ئەمدى، ھەقىقىي پاكىتلارنى ئورنىتىش ئۈچۈن بىزگە ئۈچىنچى، يەنى مۇستەقىل ۋە مەنپەئەتدار بولمىغان تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشلىرى كېرەك. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشكە رۇخسەت بەرمەيۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بىز بۇ ئەھۋالدا ئىككىنچى تەرەپنى ياقىلاشقا مەجبۇرمىز".
قازاقىستان ئىنسان ھوقۇقى بويىچە مۇستەقىل ئانالىزچى ئالىمجان تىلىۋادى بولسا "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۇتقان سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ قازاقىستان جەمىيىتىگە تەسىرى" ماۋزۇسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىم سىياسىتى، شۇنداقلا مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە كۆزلىگەن نىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.
سۆھبەت يىغىنى ئاخىرىدا ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئاخباراتى ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ كۆپلىگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ جەرياندا قازاقىستاندىكى قاچاقلار مەسىلىسى، مىللەتلەر دوستلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى، شۇنداقلا قوشنا قىرغىزىستاندىكى ئەھۋاللار ھەققىدە كەڭ دائىرىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلدى.
سۆھبەت يىغىنى جەريانىدا قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ "ئۇيغۇرلار" ۋە "2009 - يىل ئۈرۈمچى پاجىئەسى" ناملىق كىتابلىرى تونۇشتۇرۇلدى. شۇنداقلا شاۋگۇئەن ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىدىن گۇۋاھلىق بېرىدىغان كۆپلىگەن پاكىتلار يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر قىلىندى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.