ئابباس قارىھاجى ئىمام دەم ئېلىشقا چىقتى

ئالمۇتىنىڭ دۇرۇژبا مەھەللىسىدىكى مۇئەززەم مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابباس قارىھاجىمنىڭ ئىمامەتچىلىك ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ دەم ئېلىشقا چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇرلار بۇ مەسچىتكە يىغىلىپ، ئابباس قارىمنىڭ ئىمامەتچىلىك ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

شۇنداقلا، ئىمام ئابباس قارىھاجىمنىڭ دىنىي تەبلىغلەر ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىغا دىنىي ۋە ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارغانلىقىدەك ئىش - ئىزلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالمۇتادىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.