ئالماتادا ئۇيغۇرلار ئاتاقلىق شائىر دولقۇن ياسىننى خاتىرىلىدى
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق شائىرى، پېشقەدەم ژۇرنالىست دولقۇن ياسىن ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ۋە مىللىتىنى ئازادلىققا يېتەكلەيدىغان جەڭگىۋار، لىرىك شېئىرلىرىنى مىراس قالدۇرۇپ، 2005 - يىلى سېنتەبىردە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالماتادا ۋاپات بولغان ئىدى.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-07-28 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
ئۆتكەن ھەپتىدە ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر جامائىتى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرى بىناسىنىڭ زالىدا تالانتلىق شائىر دولقۇن ياسىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالماتادىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.