ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلاندى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلانغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، سايلامدا رىقابەتنىڭ ئانچە كۈچلۈك بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلىمى 12 - ماي سەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئامېرىكا قوشما شتاتى 167 ئاۋاز بىلەن مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا بولۇپ كىردى.

بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى ئېلىزابىت سېپپېر خانىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر كېڭەشكە ئىجابىي تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېپپېر خانىم مۇنداق دېدى:" بىز ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر كومىتېت ئەزالىقىغا كاندىدات بولۇشى ۋە سايلىنىشىدىن، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، خەلقئارا بىلەن ماسلىشىشنى خالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت خەيرلىك بېشارەتنى كۆردۇق."

سېپپېر خانىم يەنە، ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، چوقۇم جەنۋە شەھىرىگە بېرىشىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدىغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە 47 دۆلەت ئەزا بولۇپ، ئەزا تاللاش ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم، ھەر قايسى قىتئەلەرگە تەسىس قىلىنغان سان بويىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا بىر قانچە دۆلەتنىڭ مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى توشۇپ، 18 ئورۇن بىكار بولغان بولۇپ، بۇ ئورۇننى تالاشقان ئەللەردىن پەقەت ئەزەربەيجان ۋە كېنىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەتلا يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمەي شاللىۋېتىلگەن.

مەزكۇر كېڭەشتە ھازىر بولغان 18 ئورۇننى 20 دۆلەت تالاشقان ۋە نەتىجىدە ئۇشبۇ ئورۇنغا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن خىتاي، كۇبا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ سايلانغان بولۇپ، ھالبۇكى، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر سايلامنىڭ رىقابەتسىز ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ سايلىنىشى مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدۇ دەپ قاراشماقتا.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرگەنلكىنى ھەققىدە توختالغان باش شتابى جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى تەتقىقاتچى ھىللېل نېۇېر بۇ ھەقتە توختىلىپ: " بۇ خۇددى تۈلكىنى توخۇ بېقىشقا سالغاندەكلا ئىش" دېگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان سېپپېر خانىم، 2006 - يىلى قايتىدىن تەشكىللەنگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭمۇ يەنە نۇرغۇن يېتەرسىز تەرەپلىرى بارلىقى، خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ، ئۆز گۇرۇپپىسىغا تەۋە رايونلاردا رىقابەتكە چۈشكەن باشقا دۆلەتلەر بولمىغاچقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خۇددى تەيىنلەنگەندەكلا ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

سېپپېر خانىم:" بۇ دۆلەتلەر ئۆز رايونىدىكى تاللاشتا بەك تۆۋەن نومۇر ئالغان. بىز ئەگەر بۇ رايونلاردا ھەقىقىي رىقابەت بولغان بولسا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە كىرەلمەسلىكىدىكى ئېھتىماللىقنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇنداق بولغان بولسا بۇ خىل رىقابەت مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا ئىجابىي كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىغان بولاتتى،" دېدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى ستېۋﯤ كاراشاۋ ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا بولۇپ سايلىنىشى بىلەن، كېڭەشتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋازى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقا ھەرىتىج (مىراس) فوندى جەمئىيىتىدىكى تەتقىقاتچى برېد دىشېيفېر بۇ ھەقتە قارشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى 47 نەپەر ئەزا دۆلەتنىڭ ئىچىدە پەقەت 11 - 12 دۆلەتنىڭلا كىشىلىك ھوقۇقنى قوللاپ بىلەت تاشلايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا شۇ 12 دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ سەپكە قوشۇلىدىغانلىقىنى، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر كېڭەشتە ئامېرىكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كۆپ ئۆزگىرىش بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن توشۇپ كېتىپ، ئىناۋىتىنى يوقاتقان بولغاچقا، مەزكۇر كومىتېت 2006 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن ۋە شۇ يىلى ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قايتىدىن تەشكىللىگەن.

ئامېرىكا 2006 - يىلى سابىق پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشتىن ۋاز كەچكەن بولۇپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەت ئۆزىنى مەزكۇر كېڭەشكە ئەزالىق نامزاتىغا كۆرسىتىشى ھەمدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئەزالىققا سايلىنىشى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇش دەۋرىدىكى خەلقئارا سىياسەتلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يول تۇتىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدىكەن.