' ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى كۆرگەن خىتاي ئۆزىگىمۇ قاراپ بېقىشى كېرەك '
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.11.06
2008.11.06
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺗﻰ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺗﻰ ﺟﻮﻫﻦ ﻣﯩﻜﻜﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻤﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo
سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان ھامان ، سايلامدا مەغلۇپ بولغان يەنە بىر كاندىدات مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە باراك ئوبامانىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتىمۇ ئۇنى تەبرىكلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، گەرچە يېرىم كېچە بولسىمۇ، جايلاردا باراك ئوبامانى ئالقىشلاش باشلاندى.
يېڭى پرېزىدېنت باراك ئوباما ھازىر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەۋاتىدۇ. ئۇ كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ ئاقسارايغا كىرىدۇ.
ئامېرىكا خەلقىدىكى ئاڭلىقلىق
- باراك ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ۋاقىت، ئامېرىكىدا بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ئىقتىساد تېز تۆۋەنلەپ، پاي چېكى بازىرى بىراقلا پەسلەپ، ئىناۋەتلىك قەرز كرىزىسى پارتلاپ، ئامېرىكا تارىخىدا 200 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەن ۋاقىتقا توغرا كەلدى، - دەپ يازىدۇ مۇستەقىل يازغۇچى ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، - بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا خەلقىنىڭ 49% ى ئىقتىسادىي مەسىلىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قاراپ ئۆزلىرىنىڭ سايلاش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى، ئىراق ئۇرۇشى مەسىلىسى ۋە پۈتۈن خەلقنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئاڭلىق ھالدا 10% گە چۈشۈپ قالدى.ئامېرىكا خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ 18 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ 60% ى ئاڭلىق ھالدا بېلەت تاشلاپ، ئۇرۇش يىللىرىدىكى قەھرىمان، 30 يىل كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان، مول خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە جوھن مېككېيننى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قابىلىيەت ۋە تالانتىغا ئاساسەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغىنىغا ئاران بىر نەچچە يىل بولغان، بۇرۇن پەقەت مەھەللە خىزمىتى ئىشلىگەندىن باشقا، ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىدىغان تەجرىبىسى بولمىغان، ئەمما يېڭىلىق يارىتىش روھى ئۇرغۇپ تۇرغان باراك ئوبامانى ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا تاللىۋالدى.
- باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغانلىقىنى 'نيۇيورك تايمىس' گېزىتى ئەڭ چوڭ ھەرپ بىلەن ماۋزۇ قويۇپ خەۋەر قىلدى. بۇ گېزىتتە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىنسانىيەت ئايغا چىققاندا مۇشۇنداق شەكىلدە خەۋەر بېسىلغان ئىدى. بۇ، ئامېرىكىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، -دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى، - شۇنداقلا بۇ، ئاقلار نوپۇسى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئامېرىكىدا، نوپۇسنىڭ ئاران 13% نى تەشكىل قىلىدىغان قارىلاردىن باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلاپ چىقىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر مۇجىزە، ئامېرىكىدا ھەر قانداق ئادەمگە ئىرىق ياكى مىللەت پەرقى بۇيىچە ئەمەس ، قابىلىيەت بۇيىچە مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق ئادەمگە تەرەققى قىلىش پۇرسىتى بارلىقىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىنى ھە دېسىلا 'ئىرقچى' دەپ تۆھمەت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكا خۇددى بەزى دۆلەتلەردەك باشقا مىللەتلەرنى مەقسەتلىك باستۇرىدىغان، يوق قىلىۋېتىشنىلا ئويلايدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى.
دۇنيادىكى ھەممە مىللەت ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى كۆردى
-دۇنيادىكى ھەممە دۆلەت، ئوخشىمىغان ئېرىق، ئوخشىمىغان مىللەتكە تەۋە خەلق ھەممىسى ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى كۆردى، - دەپ بايان قىلىدۇ ئوبزورىنى بېيجىڭدا تۇرۇپ يېزىپ ئامېرىكىدىكى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان مۇستەقىل مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋبو ئەپەندى، - ئۆزىدىكى خاتالىق ياكى مەسىلىلەرنى ئۆزى ئاڭلىق ھالدا تۈزىتەلەيدىغان دېموكراتىيە تۈزۈمى بار ئامېرىكا، بۇ قېتىمقى سايلامدا ياش ئوبامانى ئۆزىگە پرېزىدېنت قىلىپ تاللىۋالدى ۋە ئۆزىنىڭ 21 - ئەسىردىكى ئەڭ كەڭ قوساق، ئاڭلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.ئامېرىكا ئۆزىنىڭ 1862 - يىلى تۈزگەن 'ئەركىنلىك خىتابنامىسى'غا، 1964 - يىلى تۈزۈلگەن 'كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسى'غا ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلدى، -دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ليۇ شاۋبو ئەپەندى، - ئامېرىكىدا قارا قۇللارنى ئازاد قىلغان ئەبرەيخەم لىنكولن جۇمھۇرىيەتچى ئىدى.
ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ھوقۇق تۇتۇۋاتقان مۇشۇ 8 يىل ئىچىدىمۇ، ئىككى قېتىملىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى، ئۇ گەرچە قارا بولسىمۇ تالانتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ھازىر ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەندە ، جۇمھۇرىيەتچىلەرمۇ ئوبامانى پرېزىدېنت قىلىپ سايلاشقا يۈزلەندى. بۇنداق ئاڭلىقلىقنى ئامېرىكىدا كۆرۈۋاتىمىز.
ئامېرىكىنى كۆرگەن خىتاي ئۆزىگىمۇ قاراپ بېقىشى كېرەك
ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى كۆرگەن خىتاي ئۆزىگىمۇ قاراپ بېقىشى كېرەك، - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ليۇ شاۋبو ئەپەندى ،- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدىغان ھازىرقى ۋاقىتتا، دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشى كېرەك.ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تېبەت خەلقى ئىچىدە ۋە دۇنيادا يۇقىرى ئابرويى بار دالاي لاما ھايات ۋاقتىدا تىبەتلەرنى خىتاي دائىرىسىدە ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىيەلەيدۇ، تېبەت مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئالدىنى توسالايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا، تىبەتلەرنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى توسالمايدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەندە بۇرۇن جاڭ جىڭگو ئەپەندى ئېلىپ بارغانچىلىك ئىسلاھات ئېلىپ بارسىمۇ، ھازىر خىتايدا سىياسىي ئىسلاھاتنى باشلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسقان بولاتتى.









