ۋال - سترېت كرىزىسىنى قۇتقۇزۇش پىلانى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازدىن ئۆتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ۋال - سترېت كرىزىسىنى قۇتقۇزۇش پىلانى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئەمما بۇ قارارغا دۆلەت مەجلىسى قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ بۇنىسى تېخى نامەلۇم. مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر پىلان بۇ ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

0:00 / 0:00

يېڭى پىلاننىڭ مەزمۇنلىرىغا مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەر قوشۇلغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان 700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانىنى 29 - سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بېلەت تاشلاشتا رەت قىلىنغاندىن كىيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلاننىڭ مەزمۇنلىرىغا مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەرنى قوشقاندىن كېيىن كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويغان ئىدى.

قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىغا سودا ساھەسى ۋە ئائىلىلەرنىڭ بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ھەمدە ۋال - سترېت پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى مەسئۇلىيەتسىز بانكىرلارنى ئاساس قىلماي خەلقنى ئاساس قىلىش قاتارلىق يېڭى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەگەر مەزكۇر پىلان دۆلەت مەجلىسىدە تەستىقلىنىپ بۇ ھەقتە قانۇن بېكىتىلسە، بۇ قانۇن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىگە كىرىسىز پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بانكىلارنىڭ يەر - مۈلۈك قەرىزلىرىگە ئالاقىدار مۇقىم مەبلىغىنى سېتىۋېلىش ھوقۇقى بېرىدىكەن.

كېڭەش پالاتاسى 25 قارشى 74 ئاۋاز بىلەن پىلاننىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تەستىقلىغان

بۇ پىلاننىڭ كونا نۇسخىسى پەقەت ۋال - سترېت پۇل - مۇئامىلە ساھەسىنى قۇتقۇزۇشقا بەكرەك ئېتىبار بېرىلگەن، ئەكسىچە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى كۆپ ئويلىشىلمىغان دېگەن سەۋەبلەر بىلەن 29 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدىكى ئاۋازغا قويۇشتا رەت قىلىنغان ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەتكەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كېڭەش پالاتاسى چارشەنبە كۈنى 25 قارشى 74 ئاۋاز بىلەن مەزكۇر پىلاننىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تەستىقلىغان ھەمدە ئۇنى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان بولۇپ، مەزكۇر پىلان جۈمە كۈنى چۈشتە دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

پرېزىدېنت بۇش كېڭەش پالاتاسىنى "ئىنتايىن مۇھىملىققا ئىگە " قۇتقۇزۇش پالانىنى قوللىدى دەپ ماختىغان ۋە دۆلەت مەجلىسىنى ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر قۇتقۇزۇش پىلانىغا بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن باراك ئوباما ۋە جون مېككېيىنلارمۇ قوللاپ بىلەت تاشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا كابېل خەۋەرلەر تورىدا نەقىل كۆرسىتىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، كېڭەش پالاتا كۆپ سانلىقلار رەئىسى خەرىي رېيد نامزاتلارنىڭ مەزكۇر پىلاننى قوللاپ بېلەت تاشلىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: " مېنىڭچە، بۇ بىزنىڭ قاچانلىكى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىدىكەنمىز، خەيرلىك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قۇربىمىز يېتىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ". ئۇ يەنە بۇ تەدبىرنىڭ كرىزىس ئىچىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرۇشتا ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قۇتقۇزۇش پىلانى كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا

ھالبۇكى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر قۇتقۇزۇش پىلانى كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەمدە بەزى لىبېرال ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر پىلان تۇنجى قېتىم دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغاندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئېلخەت ساندۇقلىرى پىلانغا قارشى ساناقسىز خەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇمۇ قارارنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاۋازغا قويۇشتا نەتىجىسىز ئاياغلىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.