ئامېرىكا پرېزىدېنتى كاندىداتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇنازىرىسى ۋە ئىنكاسلار
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.10.16
2008.10.16
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺗﻰ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺗﻰ ﺟﻮﻫﻦ ﻣﯩﻜﻜﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻤﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo
90 مىنۇت داۋام قىلغان بۇ مۇنازىرىدە، بۇ ئىككى كاندىدات ئىقتىساد، ئېنىرگىيە، دىپلوماتىيە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، مائارىپ قاتارلىق مۇھىم تېمىلار بۇيىچە جىددىي مۇنازىرىلەشتى.
بۇ قېتىمقى مۇنازىرە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق مۇنازىرىگە ئوخشىمايدۇ
بۇ قېتىمقى مۇنازىرە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق مۇنازىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ قېتىم ئىككى كاندىدات ئايرىم مۇنبەردە تۇرۇپ، ئەگەر پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى پىلانلىرىنى ۋە پەلسەپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر كىم ئۆزى ئالدىن تەييارلىۋالغان تېكستلىرىنى ئوقۇپ ئۆز گېپىنىلا قىلىدىغان شەكىلدە ئەمەس، بەلكى بىر ئۈستەلدە يېقىن ئولتۇرۇپ cbs تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرى سورىغان سۇئاللارغا جاۋاب بەردى ۋە نامزاتلارمۇ تېمىلار بۇيىچە ئۆز - ئارا بىۋاستە سۇئال قويۇپ، ئىزاھات بېرىپ، TV ئالدىدىكى كۆرەرمەنلەرنى ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.95% پۇقرا ئۈچۈن باج كەچۈرۈم قىلىش دېگەن پىلان ھەققىدىكى مۇنازىرە
دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى باراك ئوباما 'ئوتتۇراھال ئىقتىساد ئىگىلىرى ئۈچۈن باج كەچۈرۈم قىلىش'، 'ئامېرىكىدىكى 95% پۇقرا ئۈچۈن باج كەچۈرۈم قىلىش' دېگەن پىلانى ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى يەنە تەكىتلىگەندە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى جوھن مىككېيىن ئۆزى ئامېرىكىدا فېدېرال بېجىنى ئاشۇرۇشقا باشتىن - ئاخىر قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، باجنى ئاشۇرۇپ ئالىدىغان ھەر قانداق پىلان كىچىك شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىدى ۋە باراك ئوبامادىن 'سىز نېمە ئۈچۈن باجنى ئاشۇرۇپ ئالماقچى؟نېمە ئۈچۈن دۆلەت پۇقرالىرىغا بۇنداق مۇئامىلە قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۇششاق شىركەتچىلەرنىڭ ۋە باشقا ئىشلەمچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن ئاشۇرۇپ باج ئېلىپ، ئۇنى باشقىلارغا بۆلۈپ بەرمەكچى؟ ئامېرىكىدىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئامېرىكا پۇقراسى ئەمەسمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتمامدۇ؟' دەپ سوئال قويدى.
ئىككى كاندىدات ئۆز - ئارا ھۇجۇم قىلىشقان سۆزلەر ھەققىدىكى مۇنازىرە
ئىككى كاندىدات سايلام جەريانىدا ئۆز - ئارا ھۇجۇم قىلىشقاندا قىلىنغان سۆزلەرگە نارازى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئىزاھاتلار ۋە بۇ ھەقتە ئۆز - ئارا سورىغان سۇئال ياكى بەرگەن جاۋابلار TV ئالدىدىكى كۆرەرمەنلەرنى قىزىقتۇردى. باراك ئوباما ئەپەندى ئۆزىنى جوھن مىككېيىننىڭ 1960 - يىللاردىكى ۋىليام ئېرىس دېگەن كىشى بىلەن چېتىۋالغانلىقىغا نارازى بولۇپ 'ئۇ ۋاقىتتا مەن تېخى 8 ياشلىق بالا ئىدىم، ھازىرقى پرېزىدېنت سايلىمى پائالىيىتىم بىلەنمۇ بۇ كىشىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق' دەپ تەكىتلىدى.جوھن مىككېيىن بولسا 'سىزنىڭ بۇ كىشى بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز بارلىقىنى سىلەرنىڭ پارتىيىنىڭ يەنە بىر پرېزىدېنت كاندىداتى بولغان ھېللارى كلىنتون خانىم ئۆتكەندە سىز بىلەن مۇنازىرىلەشكەندە ئوتتۇرا قويغان ئىدى. مەن بۇ مەسىلىنىڭ ئېنىق بولۇپ كېتىشى ئۈچۈن بۇ گەپنى تەكرارلىدىم. سىز ھازىر مەندىن نارازى. سىز نېمە ئۈچۈن ھېللارى خانىم بۇ گەپنى قىلغاندا ئۇنىڭدىن نارازى بولمىغانتىڭىز؟' دەپ سورىدى.
ھازىرقى جورج بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ھەققىدىكى مۇنازىرە
باراك ئوباما ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھازىرقى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە جوھن مىككېيننى ھازىرقى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ باج، ئېنىرگىيە، ھۆكۈمەت خىراجىتى قاتارلىق ھەممە سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان كىشى ئىكەنلىكىنى، جوھن مىككېيننىڭ ھازىر دەۋاتقانلىرى يەنىلا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مەقسىتى دەل ئامېرىكىدىكى ھازىرقى نىشاننى ئۆزگەرتمەكچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.جوھن مىككېيىن بولسا ئۆزىنىڭ جورج بۇش بىلەن قايسى جەھەتلەردە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، باراك ئوبامادىن 'مەن جورج بۇش ئەمەس، سىز جورج بۇشنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان بولسىڭىز، نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن ئۆزىڭىزنى پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسەتمەي، ھازىر )جورج بۇشنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان ھازىرقى ۋاقىتتا( ھەرىكەت قىلدىڭىز؟' دەپ سوئال قويدى.









