ئامېرىكا بۇ قېتىم تەيۋەنگە سېتىپ بەرمەكچى بولغان قورال - ياراقلار ئىچىدە ۋەتەنپەرۋەر 3 - تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سېستىمىسى، E - 2T تىپلىق ئالدىن سېگنال بېرىش سېستىمىسى ۋە ئاپاچې تىپلىق تىك ئۇچار بولۇپ، ئومۇمى قىممىتى 6 مىليارد 460 مىليون دوللاردۇر. ئامېرىكا تەرەپ دوكلاتتا، بۇ قوراللارنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك قوراللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن پەنتىگاننىڭ ئالاقىدار بىر مەسئۇلى مەزكۇر قوراللارنى نۆۋىتى كەلگەندە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈنمۇ قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ،" ئامېرىكا خىتاي خەلقىنىڭ قەلبىنى رەنجىتتى، مەزكۇر قارار ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇردى. يەنە خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى He yafei جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ باياناتىدا، مەزكۇر پىلاننى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شۇنداقلا، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى كېلىشىملەرگىمۇ خىلاپ دەپ كۆرسەتتى.
بۈگۈن پەنتېگان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىمگە ھەم ئامېرىكا قانۇنىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا - خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسىدە، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىدا ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەرەپلەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن. تەيۋەن تەرەپ جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى تەيۋەننىڭ تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتتە يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا ئامېرىكا - تەيۋەن ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشەنچىنىڭ سىمۋولى دەپ ئالقىشلىدى.
تەيۋەن تەرەپ جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى تەيۋەننىڭ تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتتە يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا ئامېرىكا - تەيۋەن ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشەنچىنىڭ سىمۋولى دەپ ئالقىشلىدى.
خىتاي تاشقى باياناتچىسى چىڭ گاڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارارى، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە يالغۇز ھەربىي جەھەتتە ئەمەس، كۆپ جەھەتلەردە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ دەپ بىلدۈردى. پەنتېگاننىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان تەرەپنىڭ ئامېرىكا ئەمەس، خىتاي ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا بۇ يىل 8 - ئاي بىلەن 11 - ئاي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. ئەمما بۇ پىلانلارنىڭ كونكرېت مەزمۇنى بايان قىلىنمىدى. پەنتېگان باياناتچىسى بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ، خىتاي تەرەپنىڭ ھەربىي ئىشلاردا ئاشكارا بولۇشقا ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي تەرەپنى زامانىۋىي ھەربىي ئەسلىھەلەردە ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى.
قانۇنىي تەرتىپ بۇيىچە ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانىغا ئەگەر بىر ئاي ئىچىدە ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى ئىچىدىن نارازىلىق كەلمىسە ، پىلان ئەمەلىيلىشىش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ. تەيۋەن پارلامېنتى ئۆتكەن يىل 6 - ئايدا، ئامېرىكىدىن قورال - ياراق سېتىۋېلىش ھەققىدىكى پىلاننى تەستىقلىغان ۋە 12 - ئايدا ھەربىي خامچوتنى ئاشۇرغان ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى قورال - ياراق سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ ئامېرىكا ۋە تەيۋەن پارلامېنتىدا بىردەك قارشى ئېلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئامېرىكا خىتاينىڭ بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، خىتاي تەيۋەننى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلەتسە تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
